كىم ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتىدۇ؟

پرېزىدېنت ئوباما 27 - كۈنى نوتۇق ئېلان قىلىپ، كورىيە يېرىم ئارىلى كرىزىسىنى دەۋر قىلغان ھالدا خىتاينى تەنقىد قىلدى: " جۇڭگو كۆرمەسلىككە سېلىۋالماسلىقى لازىم... تيەنئەن بەلگىلىك پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋېتىش ۋەقەسىگە شىمالىي كورىيىنىڭ مەسئۇل بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىشى لازىم... ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش بىلەن ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئاۋارىچىلىقنى كۆرمەسلىككە سېلىشنى پەرقلەندۈرۈشى لازىم" دەپ، كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ 29 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ" كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىپ، ئېغىر بېسىق بولۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، جىددىي ھالەتنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم" دەپ كۆرسەتتى.

چىن گاڭ ئەپەندىلەر 1950 - يىلى كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش پارتلىغان چاغدا ماۋ زېدۇڭ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يېزىپ بەرگەن باياناتنى ھازىرغىچە تەكرارلاپ كەلدى. شىمالىي كورىيە بىلەن بىرلىشىپ كورىيە يېرىم ئارىلىدا ئارقا - ئارقىدىن ۋەقە پەيدا قىلىپ، باياناتىنى ئارقا - ئارقىدىن يادلاپ كەلدى.

كورىيە ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى. بۇ قېتىم دېڭىز يۈزىدە جەنۇبىي كورىيىنىڭ پاراخوتىنى چۈكتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت باشلىقى جىن جىڭرى قورقۇپ كېتىپ، 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئالدىراپ - تېنەپ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەندە، بېيجىڭنىڭ چوڭ - كىچىك باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالدى.

مېنىڭ قارىشىمچە، كورىيە يېرىم ئارىلىدا ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن تەرەپ شىمالىي كورىيىنىڭ كەينىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو، ۋەزىيەت پەيدا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى سىناپ باقماقچى بۇلۇۋاتقان جۇڭگو، كورىيە يېرىم ئارىلىدا ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدا مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى قوزغىتىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇزارتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان جۇڭگودۇر.

خىتاي پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا جۇڭگوغا خەلقئارا بېسىم پەيدا بولدى. يالغۇز ئامېرىكىدىن ئاغرىنىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى قالمىدى. تىبەت، "شىنجاڭ"، تەيۋەن مەسىلىلىرىدە ئامېرىكا ھەر گىز جۇڭگوغا يول قويمايدىغانلىقىنى بايانات قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسى قانداقتۇر جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئىسيان كۆتۈرگەن ئۆلكە مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تەيۋەنلىك يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىشى بولۇشى لازىم ئىدى، بۇنىڭغا ئامېرىكا جىددىي قارىمىسا بولامدۇ؟ تىبەت مەسىلىسى سىلەرگە بەلگىلىك.

شىنجاڭ" مەسىلىسى، كەچۈرۈڭ چىن گاڭ ئەپەندى! ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى ئىدى. مەسىلەن، 1946 - يىلى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە دۆلەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا نوتا تاپشۇرۇپ، قارا دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇغۇزنى قانداق باشقۇرۇش جەھەتتە سىياسەت تۈزۈش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى، بىراق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1945 - يىلى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنىگىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى 3 دۆلەت رەھبەرلىرى گېرمانىيىنىڭ پوتسىدام شەھىرىدە يىغىن ئاچتى. پوتسىدام يىغىنىدا ئاساسلىق غەلىبە قىلغۇچى دۆلەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى يىغىنغا قاتناشقان روزۋېلىت، چېرچىل قاتارلىقلارغا تۈركىيە، ئىران ۋە جۇڭگونىڭ غەربىدىكى رايونلارنى سوۋېتلەر تەركىبىگە قوشۇۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. چېرچىل بۇ تەكلىپنى ھەتتا تەكرارلاشنىمۇ رەت قىلغاچقا، رەسمىي تەكلىپ لايىھىسىگە ئايلاندۇرۇلمىغان ئىكەن ("تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخى" ئۇيغۇرچە نەشرى 111 - 112 - بەتلەرگە قارالسۇن).

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 3 مەسىلە بويىچە يول قويماسلىق توغرىسىدىكى باياناتىغا ۋە خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى توغرىسىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمىلەرگە ئىچىدە نارازى بولۇپ، تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن شىمالىي كورىيىگە يانتاياق بولۇپ يەل بېرىپ، كورىيە ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ پوپوزا قىلىپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماسلىق توغرىسىدا بىلجىرلىسا، كىم ئىشىنىدۇ؟