بېيجىڭغا بارماقچى بۇلۇۋاتقان پرېزىدېنت بۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە؟

2008‏ - يىلى 7‏ - ئاينىڭ 27‏ - كۈنى بوشۈن تور بېتىگە، لەي يۆدۇڭ ئەپەندى، " ئالقان بىلەن يەرنى تىرەپ تۇرۇش قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ، بېيجىڭغا بارماقچى بولۇۋاتقان پرېزىدېنت بۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى نېمە" دەپ، باش ماۋزۇ ۋە "87 ياشلىق قېرى خىتاي كوممۇنىستتىنىڭ ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇرۇشى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟" دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇپ ماقالە يازغان.

0:00 / 0:00

لەي يۆدۇڭ ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: ۋېڭئەن ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقنىڭ تېشىپ تۇرغان غەزەپ - نەپرەتلىرىنى كۆرۈپ يىتىپ، قوغدىنىشقا چارە تاپالماي، 180 گىرادۇس ئۆزگىرىپ، جەمئىيەتتە جۇغلانغان زىددىيەتلەرنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى يۇقاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئىككى، ئۈچ نەپەر ئەمەلدارنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ۋېڭئەن پۇقرالىرىنى پەپىلىگەن ۋە ھەقىقى جىنايەت سادىر قىلغانلارنى قوغداپ قالالىغان خىتاي كوممۇنىستلىرى، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە 180 گىرادۇس ئۆزگىرىپ، ۋېڭئەن ۋەقەسىنى جەمئىيەتتە قارا قوللار پەيدا قىلدى دەپ، ئاۋۋالقى ئەلپازىدىن يېنىۋالدى.

بىردە پۇقرالارغا بېسىم ئىشلىتىپ، بىردە پۇقرالارنى يېنىغا تارتىپ ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇرۇۋېلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟دەپ، سوئال قويغان لەي يۆدۇڭ ئەپەندى:سەپسەتە سۆزلىنىپ تۇرىدۇ، سۆزلىنىپ تۇرغان سەپسەتە يەنە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.سەپسەتىنىڭ قانداق سۆزلىنىشى ئەمەلدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا باغلىق بولىدۇ، دەيدۇ.ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە خېرىدار بولغان چاغلاردا، كوممۇنىست خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا، مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىشكە ۋەدە بەرگەن،مەتبۇئات ھوقۇقىنى قويۇۋېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، مەتبۇئاتنى تېخىمۇ تىزگىنلەپ، بۈگۈن خىتاي كوممۇنىستلىرى دۇنيانىڭ غەزەپ ‏ - نەپرىتى ئاستىدا قالدى، نېمە قىلىش كېرەك؟ نامايىشتىن ئۆلگۈدەك قورقۇدىغان خىتاي كوممۇنىستلىرى يەنە ئالقاننى يەرگە تېرىۋېلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېيجىڭدا 3 ئورۇندا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلدى. تارىخنى ئەسلىسەك، دەيدۇ لەي يۆدۇڭ ئەپەندى: ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىدە ھېسابسىز جاننى تېنىدىن جۇدا قىلغان، تەڭرىنىڭ غەزىپى ۋە پۇقرالارنىڭ نەپرەتلىرى ئالدىدا، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا كۆزى يەتمىگەن قېرى خىتاي كوممۇنىستلىرى، بىر قانچە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ۋە ئەسلى سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندەك بولدى. شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئالقىشىغا، بىزنىڭ پارتىيە ئۇلۇغ پارتىيە دەيدىغان ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. بىر قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەنلا ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇرۇھى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ جىنايەتلىرى ساقىت قىلىندى،ئەسلىدە جىنايى پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇرۇھى كوممۇنىست پارتىيە قانۇنلۇق سوتقا تارتىلىشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ بۇ پارتىيىنىڭ نېمىنىدۇر، كىمنىدۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالاھىيىتى بارمىدى؟

خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇرۇشلار ھەر كۈنى يۈز بەرمەكتە. ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇرغاندا قانداق كۇچ ئىشلەتمىسۇن، كوممۇنىست پارتىيە يەنىلا ياۋۇزلۇقنى يادرو قىلىپ ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇراتتى. بەزىدە ياۋۇزلۇقنى دەۋەر قىلىپ ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇراتتى.

1921‏ - يىلىدىن ھېسابلىغاندا دەپ باشلايدۇ، لەي يۆدۇڭ ئەپەندى: كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇرۇشىغا 90 يىلدەك ۋاقىت كەتتى.

بۈگۈن بىر ئەسىر كۈتكەن ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ۋاقىتلىرى يىتىپ كەلگەندە، كۆزىگە ھەممە تەرەپتە دۈشمەن كۆرۈنگەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بەدەنلىرىنى ئۆتمە - تۆشۈك قىلىۋەتكەن جاراھەتلىرى ئېغىز ئېلىشقا باشلىدى. يەرنى ئالقان بىلەن تىرەپ تۇرۇش كومېدىيسى يەنە قانچە ۋاقىت ئوينىلار؟ياۋۇزلۇق، قاباھەتلىك يەنە قانچە زامان داۋاملىشار؟دەپ سوئال قويدى لەي يۆدۇڭ ئەپەندى.خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە قېرىپ كەتتى.مادارسىز ھالەتتە ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئالقان بىلەن يەرنى تىرەپ ئەڭ ئاخىرقى كومېدىيىنى كۆرسىتەلەمدۇ، يوق؟ پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىپ قاراپ تۇرۇپتۇ!

پرېزىدېنت بۇشنىڭ بېيجىڭغا بېرىشىنى كۆپچىلىك ئادەم چۈشەنمەيدۇ، ‏ - دەپ باشلايدۇ لەي يۆدۈڭ ئەپەندى، ‏ - پرېزىدېنت بۇش بېيجىڭغا بېرىپ ئولىمپىك مۇراسىمىنى تاماشا قىلىدۇ، دېگەندىن كۈرە، قېرىپ كەتكەن كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئالقاننى يەرگە تىرەپ تۇرۇشىنى تاماشا قىلىدۇ، بەلكى،خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىنى قۇيۇۋېتىپ ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال يەرگە چاپلىشىپ، خەير - خوش پرېزىدېنت بۇش دېيىشىنى تاماشا قىلىدۇ دېگەن تۈزۈك.