ئوڭغا بۇرۇلۇش دىڭ شىياۋپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادى ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق نوقتىسى دېيىلىدىغان بولسا، سول قولىدا چىراق كۈتۈرىۋېلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزىرىيىسى بولۇپ، ئوڭغا بۇرۇلۇش بۇ نەزىرىيىنىڭ ماھىيەتلىك قىسمى بولسا، سول قولىدا چىراق كۆتۈرۈپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ ماھىيىتى، ئەمەلىيىتى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش بولۇپ قالغان ئىدى. جۇڭگودا نۇرغۇن كىشىلەر، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش، پىلانلىق ئىقتىساد ئىگىلىكى بىلەن بازار ئىگىلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقاردى دېيىشتى.
ئۇنداقتا 30يىللىق ئىسلاھات جۇڭگوغا قانداق ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى؟ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىك ئۇقۇمى ماركسىزمنىڭ تەلىماتىغا كۈرە سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسى بولاتتى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك كاپىتالىزمنىڭ ھول تېشى بولاتتى.ماۋزېدۇڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن جۇڭگودا سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب بىلەن شۇغۇللىنىپ يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى. دىڭ شىياۋپىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتنى ئاۋۋال يېزىلاردىن باشلاپ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرە بەرگەندە، دېھقانلار يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. لېكىن دېھقانلارنىڭ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى يوق ئىدى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چاقىرىلىدىغان خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 17 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنى دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلغۇدەك.ئەگەر ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىغا ماركىسىزمچە ئۆلچەم بېكىتسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى غەيرى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ساھەلىرىدە ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىنى خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىككە ئايلاندۇرۇش ۋەزىپىسىنى تولۇق تاماملاپ جۇڭگو جەمئىيىتىنى كاپىتالىزىملاشتۇردى.
قىزىل قالپاقلىق كاپىتالىستلار يېتىشىپ چىقتى. ماركىسىزملىق تەلىماتقا ئاساسلانغاندا تېرىلغۇ يەر كەم - كۈتىسىز ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى ھېسابلىناتتى. نېمىشقا خۇسۇسىيلاشتۇرۇلمىدى؟ قارىغاندا بۇ قېتىم 17 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىن بۇ ئۆتكەل يەنى تېرىلغۇ يەرلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئۆتكىلىدىن ئۆتىشى كېرەك ئىمىش. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرە بېرىشتىن، تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ياكى ئېلىپ - سېتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا ئۆزگىرىدىغان بولسا، بۇنداق ئۆزگىرىش سولچىلارنىڭ نەزىرىدە تېرىلغۇ يەرلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش دەپ ئاتالدى.
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىككى گۇرۇھنىڭ پىكرى ئوخشاشلا تېرىلغۇ يەرلەرنى ئائىلىلەرگە كۆتۈرە بېرىش تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، يېزىلاردا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققى قىلالمىدى، بىر ئائىلە بىر ئەمگەك كۈچى ئورنىدا كۆلەملىك ئىقتىساد شەكىللەندۈرەلمىدى، دەيدىغان ئاساسلىق تېمىغا مەركەزلەشتى. ئىسلاھاتچى خىتايلار بولسا، تېرىلغۇ يەرلەرنى دېھقانلارنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئېلىپ - سېتىش ھوقۇقىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى، شۇ ئارقىلىق تېرىلغۇ يەرلەرنى يېزا - مەيدان خوجايىنلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدا جۇاڭيىۋەن يەنى قورۇق خوجايىنلىرىنىڭ ياكى ئەينى چاغدا ماۋ زېدۈڭ زەربە بەرگەن يەر ئىگىلىرىنىڭ ياكى بۈگۈنكى يېڭى پومېشچىكلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشتى.
سولچى گۇرۇھلار خەلق كوممۇنىسى دەۋرىگە قايتىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇنداق قىلمايدىكەنمىز، تېرىلغۇ يەرلەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش چوقۇم جۇڭگودا بىر مەيدان يەر ئىنقىلابىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېيىشتى. قارىغاندا بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش زور توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا كېرەك.
مۇبادا تېرىلغۇ يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بۇ قېتىم ئېچىلىدىغان 3 - ئومۇمىي يىغىندا ئەمەلىيلىشىدىغان بولسا، بۇ سىياسەت مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا قانداق ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىن؟ يېقىنغىچە خىتاي كۆچمەنلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا تاپقان پۇلىنى يەنە شۇ يەردە ئوبوروتقا قاتناشتۇرماي ئىچكىرى خىتايغا پېرېۋوت قىلاتتى. بۇ ئەھۋال مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئېغر زەربە ئېلىپ كەلگەن.
ئەمدىلىكتە پۇل تاپقان خىتاي كۆچمەنلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا تېرىلغۇ يەر سېتىپ ئېلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، غۇلجا شەھەر ئەتراپىدا بايانداي قىشلاق، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرلۈك باغلىرى، شورۇق يېزىسى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ دەپسەن قىشلاقلىرى خىتاي سودىگەرلىرى تەرىپىدىن سېتىپ ئېلىندى. ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
3 - ئومۇمىي يىغىن تېرىلغۇ يەرلەر ۋە يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئاھالىلەرگە ۋە دېھقانلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي دېھقانلىرى يەر ئىنقىلابى قىلىشى كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟
