خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى تۆۋەنگە سىرىلىشقا باشلىدى

بوشۈن تور بېتىدە 2008‏ - يىلى 9‏ - ئاينىڭ 26‏ - كۈنى ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىدە ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەردە مۇراسىمدىن كېيىن ئاساسەن دېگىدەك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاپ كەتكەن ياكى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

0:00 / 0:00

مەسىلەن 1988‏ - يىلى جەنۇبىي كورىيىدە، 1992‏ - يىلى ئىسپانىيىدە، 2000‏ - يىلى سىدنىي ، ئاۋىسترالىيىدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى شۇنداق تۆۋەنلەپ كەتكەن.

بۇ يىل 8‏ - ئايدا ئولىمپىك مۇراسىمى بېيجىڭدا باشلىنىشتىن بۇرۇنلا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئاستىلاشقا باشلىغان ئىدى. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 8‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: جۇڭگودا ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى گويا ئولىمپىك مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ، بىراق، بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن ئامېرىكىدا بازارغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپ تۆۋەنلەپ كېتىپ ياۋرۇپاغىچە كېڭەيگەن، ئامېرىكىدا بازارغا قويۇلغان تەلەپنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى جۇڭگودا ئېكىسپورت كەسپى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.جۇڭگودا ئېكىسپورت كەسپى تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن شاڭگاڭ پورتلىرىدىكى ئاۋۋالقى گۈللىنىش مەنزىرىسى ئەمدى مەۋجۇت بولماي قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگودا ئۆي - ئىمارەت تىجارىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. شىنجىن شەھرىدە %10 تۆۋەنلەپ كەتتى،شەھەردىن يىراقراق رايونلاردا بولسا %40 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ كەتتى.

جۇڭگودا ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى ئامېرىكىدا ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەلقئارا بازاردا مىس، قەلەي، سىنك، ئاليۇمىن قاتارلىق مېتاللارنىڭ باھاسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتتى. چۈنكى ، بۇ مېتاللارغا ئېھتىياجلىق جۇڭگو زاۋۇتلىرى تاقىلىپ كەتتى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقى گەرچە دۇنياۋى پۇل پاخاللىشىشنىڭ بېسىمىنى ئازايتقان بولسىمۇ، لېكىن تازا گۈللىنەلمەيۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقى ئۈستىگە يەنە قىيىنچىلىق كەلتۈردى.

پۇل پاخاللىشىشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن جۇڭگو، ئاۋۋالقى 5 يىلدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەپ قويغان، بۇ يىلدىن باشلاپ خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئۆرلىگەن بولسا، ئەمدى يېقىندىن باشلاپ پېرېۋوت ئالماشتۇرۇشنىڭ قىممىتىنى تەڭشەپ ،خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىشىشىغا يول قويۇپ بېرىپ، ئېكىسپورت كەسپىدە خەلقئارادا رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. بۇنداق ئەھۋالدا جۇڭگونىڭ سودا شېرىكلىرى نېمە دېيىشى مۇمكىن؟

ۋول سىترېت گېزىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سام بەكىر: جۇڭگودا ئىسكىلاتتا سېتىلماي بېسىلىپ قالغان يىنىك ئاپتوموبىل سانى 170 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يىل بېشىدىكى بېسىلىپ قېلىشتىن %50 ئېشىپ كەتتى دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئەھۋال جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا جىددىي سېگنال بولۇپ قالدى. ھەممىدىن يامىنى ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا سىياسەت بەلگىلىيەلمەي قالدى.

ماقالىدە يەنە ، سېتىلماي بېسىلىپ قالغان يىنىك ئاپتوموبىللار مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىك ئوتتۇرىغا چىقىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى بىۋاستە كونترول قىلالمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەگەر يىنىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قېلىشى داۋاملىشىدىغان بولسا، ئالاقىدار سانائەت تورلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، پۇلنىڭ پاخاللىشىشى داۋاملىق ئۆرلەۋېرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا جۇڭگوغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىمۇ كېمىيىپ كېتىدۇ. بۇ ھادىسە جۇڭگودا ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىغا بېرىپ تاقىلىدىغان بولسا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى بىر خىيالغا ئايلىنىپ جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ ھۆكۈمەت جىددىي سىناققا دۇچ كېلىدۇ، دېيىلدى.