مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چاقىرىقمۇ ياكى سىياسەتمۇ ؟

مۇخبىر بۇ ئايشەم راخماننىڭ خەۋەر قىلىشىغا قارىغاندا:" شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش جەنۇبىي گۇرۇپپىسى 19‏ - ئۆكتەبىر جەنۇبتىكى ئەڭ ئاخىرقى بېكەت خوتەنگە يىتىپ كېلىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ زالىدا ئىلغارلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن دوكلات بەرگەن" ئىمىش.


 "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" چاقىرىقمۇ ياكى سىياسەتمۇ ۋە ياكى قىپ - قىزىل ئالدامچىلىقمۇ؟ زادى نېمە؟ ئاڭلىشىمىزچە ،تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى بار ئىكەن . "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"دېگەن ئىش ھەرىكەت. زادى قانداق ھەرىكەت؟ ئۆمەك باشلىقى سارخات ئاخان مۇنداق دېدى: مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى" . " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" بىر تۈرلۈك چاقىرىق بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتى چاقىرىق قىلىشقا نېمىگە مەجبۇر بولۇپ قالدى؟ "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" بىر خىل سىياسەت قىلىپ بەلگىلەنگەن بولسا، بۇ نېمە ئۈچۈن؟ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن بولسا، كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىق قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولمامدۇ؟

مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلغۇچىمۇ سىياسەت، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرغۇچىمۇ سىياسەت بولۇپ قالىدىغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ خىل جەمئىيەت ھۆكۈمرانلارنىڭ قولىدا سىياسى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قالغان جەمئىيەت بولۇپ قالمامدۇ؟ قاراقچى بىر ئۆيگە كىرىپ ئېلىپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ بولغىچە ئىتتىپاقلىشايلى دېگەندەك؛ تاجاۋۇزچى باشقىلارنىڭ ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، قارشى تەرەپكە ئىتتىپاقلىشايلى دەپ چاقىرىق چىقارغاندەك ، شۇڭا خىتاي كۆچمەنلىرى ھاكىمىيىتىنى قاراقچىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، تاجاۋۇزچىنىڭ ئۆزى دېيىشكە بولىدۇ.

"مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" نىڭ قانۇنلۇق ئاساسلىرى نېمە؟ ھېچقانداق قانۇنلۇق ئاساسلىرى يوق. "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"نىڭ تارىخ ئاساسلىرى نېمە؟ تارىخ ئاساسلىرى يوق. چۈنكى خىتاي تاجاۋۇز قىلغۇچى مىللەت، ئۇيغۇرلار تاجاۋۇز قىلىنغۇچى مىللەتتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ئىتتىپاقلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىنمىدى؟ تېخى يېقىندىلا ۋاڭ لېچۈەن "ھايات - ماماتلىق" كۈرىشى دېگەن تۇرۇقلۇق ، ئەمدىلىكتە بىر ئۇخلاپ قوپۇپلا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئالغان بولسا، بەك قوپال چاندۇرۇپ قويغان بولمامدۇ؟ " مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" نى تەكىتلەشنىڭ سىياسى ئاساسلىرى نېمە؟ بۇ ئەلۋەتتە ھەممىگە ئاشكارا بولغان مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاننى داۋاملىق مۇستەملىكە قېلىشقا ئۇرۇنۇش ئۈچۈن بىر دەم قىلىچ ئويناتسا، بىردەم زەيتۇن شېخىنى پۇلاڭلىتىش دېگەنلىكتۇر. "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"نى تەكىتلەشنىڭ مەدەنىيەت ئاساسلىرىمۇ يوق. خەنلەر خىتاي تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدۇ،
ئىككى مىللەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تىل يوق. مېھرىبانلىق، ئادىمىگەرچىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكى بولسا، ۋەھشىيىلىك،ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. مەسىلەن، بۇ ھۆكۈمەت ئولىمپىك مەزگىلىدە 56مىللەتكە يالغان كۆرۈنۈش ياساپ چىقتى.

ھوقۇقىي باراۋەرلىك، ھوقۇقىي تەڭلىك ۋە ھوقۇق تەقسىماتى ئادىللىقى بولمىغان يەردە، تەڭلىك، باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ نېمە دەپ بىلجىرلايدۇ بۇ دوكلات بەرگۈچى ئۆمەك ئەزالىرى؟ يالغان يىغلاش بىلەن يالغان كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىپ ! كىمنى تەسىرلەندۈرمەكچى ۋە كىمنى ئالدىماقچى؟97‏ - يىلى ئىلى ئۆلكىسىدە باستۇرۇشنىڭ كامېراغا ئېلىنغان سۈرەت نۇسخىسىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ؟ بۇ دوكلاتچىلار، ئوپېراتىسيە ئۈستىلىدە قوساقتىن بالا چۈشۈرۈشنىڭ كامېرا سۈرىتىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ ! بۇ دوكلاتچىلار. "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" دىن دوكلات سۆزلىگۈچىلەر ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنىڭ كامېرا سۈرەت خاتىرىسىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ! بۇ دوكلاتچىلار پويىزدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كامېراغا ئېلىپ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ!

بۇ خىتاي كۆچمەنلىرىگە نەگە بارىسەن، نەدە تۇرىسەن، نەدە ياتىسەن، نېمە ئىش قىلىسەن، نېمە ئىچىسەن، نېمە يەيسەن ؟ ساڭا كىم ئىگە ھەي خىتاي كۆچمەنلىرى دەپ باقسۇنچۇ، دوكلاتچىلار! ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، يېڭى يەر ئىسلاھاتى سىياسىتىگە باغلىق جۇڭنەنخەينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆرە - تۆپە بولۇشۇپ كەتكەن ئىمىش ، بەلكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىش كېرەك بولۇپ قالغان بولسا كېرەك.


2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org