خىتاي باش كۆتۈردىمۇ ياكى پاراكەندىچىلىككە دۇچ كەلدىمۇ ؟

تېخى تۈنۈگۈنلا " جۇڭگو باش كۆتۈردى" ماۋزۇلۇق تېلېۋزىيە فىلىمنى ئىشلەپ، غەربنىڭ باش كۆتۈرۈش تارىخىغا ۋە تەرەققىيات تارىخىغا سېلىشتۇرما قىلغان خىتاي كۆرەڭلىرى، پېرېۋوت زاپىسىدىن كۆرەڭلەپ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زايۇمىنى بازارغا چىقارسىلا ئامېرىكا تۈگىشىدۇ، ۋال سىچىرىيىت كوچىسى شاڭخەيگە يۆتكىلىپ كېلىشى كېرەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېيجىڭغا يۆتكىلىپ كېلىشى كېرەك، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ خوجايىنى بولۇشى كېرەك، ۋاھاكازا دېيىشكەن.


جۇڭگونى ئۇچۇرۇپ ماختاشلار، ئاتالمىش جۇڭگوچە ئىقتىسادى مۆجىزىلەرنى پرىنسىپسىز كۆپتۈرۈشلەر نىڭ، داقا - دۇمباق، ۋاراڭ - چۇرۇڭلارنىڭ ساداسى بېسىقماي تۈرۈپ جۇڭگوغا ئىش يىتىپ كەلدى، كەلگەندىمۇ تەكرار يىتىپ كەلدى.

23‏ - ئۆكتەبىر بۈيۈك ئىرا تور بېتى، "ئامېرىكىنىڭ بۈگۈنى" گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ جۇڭگودا بوياقچىلىق زاۋۇتى جىياڭلۇڭنىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىدە تاقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، 4مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى كوچىدا قالدى.24‏ - ئۆكتەبىر جىياڭشى ئۆلكىسىنىڭ تۇڭگو ناھىيىسىدە پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەردى. ئىككى كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. 24‏ - ئۆكتەبىر بوشۈن تور بېتى لاۋبەن قېچىپ كەتتى ئىشچىلار كوچىغا چىقتى دەپ سۈرەتلىك خەۋەر تارقاتتى. 24‏ - ئۆكتەبىر جۇڭگوغا نەزەر تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭخەي ناھىيىسىدە پۇقرالار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. بىر كىشى ئۆلدى، دېھقانلار جەسەتنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلدى.

25‏ - ئۆكتەبىر بۈيۈك ئىرا تور بېتى مۇنداق خەۋەر قىلدى:جۇجياڭ دېلتىسىدا كارخانىلارنىڭ تاقىلىشى بىر شامالغا ئايلاندى،گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە تاقىلىش ئالدىدا تۇرغان 9 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇتنىڭ 2 مىليون 7 يۈز مىڭ ئىشچىسى ئىشسىز قالىدۇ، زاۋۇت - كارخانىلارغا تەكلىپ قىلىنغان 6 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. 25‏ - ئۆكتەبىر بۈيۈك ئىرا تور بېتى ماقالە ئېلان قىلىپ، "جۇڭگولۇقلار جاپا - مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشى لازىم "دەپ كۆرسەتتى. بوشۈن تور بېتى مۇنداق كۆرسەتتى: سەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىجىڭ شەھىرىدە ئالدامچىلىق بىلەن پۇل توپلاپ 12 يىلغىچە ئىگىسىگە ياكى دىرىنى، ياكى ئۆسۈمىنى قايتۇرمىغان دىلو پاش بولدى. بۇ ئىش 2 يۈز مىڭ پۇقرانىڭ مەنپەئەتىگە تاقىلىپ قېلىپ نامايىش قىلغاندا قانلىق باستۇرۇلدى.

25‏ - ئۆكتەبىر "ئالما" گېزىتى مۇنداق خەۋەر قىلدى: جېجياڭ ئۆلكىسىدە بىر ئاينىڭ ئالدى ‏ - كەينىدە نۇرغۇنلىغان كارخانا، زاۋۇتلار تاقىلىپ كەتتى، خوجايىنلار قاچتى، ئىشچىلار مائاش تەلەپ قىلىپ تەرەپ - تەرەپكە دوقۇرۇشقا باشلىدى. ئاخىرى زور كۆلەملىك نامايىش قوزغالدى.

12‏ - ئۆكتەبىر "يەر شارى گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بۈيۈك ئىرا تور بېتى مۇنداق كۆرسەتتى: يەر شارى بۇيىچە پاي - چەك باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن پەيدا بولغان ئەنسىرەش ۋە قايغۇرۇش جۇڭگودا ئەتراپلىق يامراشقا باشلىدى. ئېكىسپورت ئازىيىپ كەتتى، ئىشلەپچىقىرىش چېكىنىپ كەتتى.

يىڭ جۇڭ ئىسىملىك بىر خىتاي مۇنداق كۆرسەتتى: سىچۈەن پىۋا زاۋۇتىنىڭ بىر تال پاي - چېكىنى 35 يۈەن 9 مودىن سېتىپ ئالغان ئىدىم، ھازىر 8 يۈەن 21 موغا چۈشۈپ قالدى.

بۈيۈك ئىرا تور بېتى 20‏ - ئۆكتەبىر مۇنداق كۆرسەتتى : بۇلتۇردىن باشلاپ بېيجىڭ، شاڭخەي، شىنجىن، ۋۇخەن، نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىپ ئالغان ئۆي - ئىمارىتىنى قايتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئۆي - ئىمارەتنى قايتۇرۇپ بېرىش ۋە قايتۇرۇپ ئېلىشنى بېجىرىپ بېرىدىغان دەللاللار سىنىپىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۆي - ئىمارەت كرىزىسى، پاي - چەك بازىرىدا سودا - تىجارەتنىڭ مازغاپقا ئايلىنىشى جۇڭگو ئىقتىسادىغا شىددەتلىك زەربە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

بۈيۈك ئىرا تور بېتى 20‏ - ئۆكتەبىر يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: ياپونىيىنىڭ يەر شارىغا تونۇشلۇق ئېلېكترون سانائەت شىركىتى ت.د.ك. يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە ۋاقىت ئىچىدە، جۇڭگو قۇرۇقلۇقىدىكى زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلاردىن 15 مىڭ نەپەر ئىشچىنى قىسقارتماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتايغا نېمە ئىش بولدى؟ خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرى خىتاينىڭ ئىچكى بازىرىدىن پەقەت 7 يىللا پايدىلانماقچى بولغانمىدى؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرى نېمىشقا چېكىنىشكە باشلىدى؟!

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org