بىر مىللەت ئوتتۇرا ئاسىيادىن يۆتكەپ كېتىلەمدۇ ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 ‏ - يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشلەتمەكتە ئىدى. دائىرىلەر بۇ سىياسەتنى بۇ يىلمۇ كۈچەپ يولغا قويغان ۋە دەسلەپكى 9 ئايدا ئۆتكەن يىلقىدىن 400 مىڭ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنى كۆپ يۆتكىگەن.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.11.04

بۇ توغرىلىق، ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى، بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن قاراماي، مايتاغ نېفىتلىكلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن قىزىلسۇ كانلىرىدا ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىغا سۇئال قويىدۇ.

سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتىكى غەرەز ئۇلارغا ئىش تېپىپ بېرىش ئەمەس ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىدىقھاجى روزىنىڭ بۇ ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.