خارابىلىقتىكى بىر كېسەكنى ئېلىۋەتتى نېمە بولدى ...

ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەمىلى ئېلىپ تاشلىنامدۇ ‏- تاشلانمامدۇ، بۇ ئىشتىن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدىغۇ؟ جۇڭنەنخەي بىھۇدە ئاۋارە بولۇپ يۈرگەنمۇ نېمە، ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئالدىدا پۇتى كۆيگەن توخۇدەك پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ يەرگە دەسلەپ تۇرۇۋاتقان جۇڭنەنخەينىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ۋاڭ لېچۈەننى ئۇيان - بۇيان قىلىپ يۈرۈشى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش ئىدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2010.11.09

ۋاڭ لېچۈەننىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكى ھەرگىز مۇستەملىكىچى خىتاي پارتىيىسىنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. شۇڭا ۋاڭ لېچۈەن ياكى خۇ جىنتاۋنىڭ، ياكى جۇ يۈڭكاڭنىڭ قۇچىقىغا چۈشكەن بولىدۇ.

ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بۇيرۇق چۈشۈرمەي تۇرۇپ بىر خىتاي ئەسكەر مۇستەملىكە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر پاي ئوق چىقىرالمايدۇ.

سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى جۇ يۈڭكاڭ بۇيرۇق چۈشۈرمەي تۇرۇپ، بىر خىتاي ساقچى مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە بىر پاي ئوق چىقىرالمايدۇ. ۋاڭ لېچۈەن پەقەت جۇڭنەنخەي بەلگىلىگەن سىياسەتنى ئىجرا قىلدى خالاس.

2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋاڭ لېچۈەن تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە يەل بېرىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىشەنچ ئاتا قىلغاندا، تور بېتىگە چىققان نۇرغۇنلىغان خىتاي مىللەتچىلىرى، "ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش كېرەك، خۇددى ئەينى چاغدا ۋاڭ جىن باستۇرغاندەك باستۇرۇش كېرەك" دېيىشكەن.

ئەينى چاغدا ماۋزېدۇڭ گېنېرالى ۋاڭ جىننى مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئەۋەتىپ: زۇ زۇڭتاڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندەك باستۇرۇشقا سىياسەت بەلگىلەپ بەرگەن. ۋاڭ جىن شۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلدى. ئىجارە كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇردى، 1962 - يىلى ئىلى قوزغىلىڭىنى باستۇردى. كېيىن شى جۇڭشۈننى غەربىي شىمالغا ئەۋەتىپ خىتاينىڭ مەركىزى كومىتېتىنى ئاقلاپ، باستۇرۇش "خاتالىقى"نى ۋاڭ جىنغا ئارتىپ قويغان ۋە ۋاڭ جىننى يۆتكەپ كەتكەن ئىدى. بۇ قېتىم ۋاڭ لېچۈەن يۆتكەپ كېتىلدى. ئۇنىڭ ئەمىلىنى ئېلىپ تاشلامدۇ، تاشلىمامدۇ، خارابىلىقتىكى بىر كېسەكنى ئېلىۋەتتى نېمە بولدى، ئېلىۋەتمىدى يەنە نېمە بولدى، ئوخشاشلا بىر گەپ.

4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى"دا شى جىنپىڭ: "ۋاڭ لېچۈەن سىياسى جەھەتتە قەتئىي، پارتىيىگە سادىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشتى" دېدى. ۋاڭ لېچۈەن ئۆلگەندە يەنە شۇ مەركىزى كومىتېت، دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ: پارتىيىمىز، ئارمىيىمىزنىڭ ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن ياخشى كادىرى ئىدى، ئۇلۇغ پرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى ئىدى، دەيدۇ باباۋشەنگە ئاپىرىپ كۆيدۈرىدۇ خالاس.

خىتاينىڭ نادان مىللەتچىلىرى تارقاتقان ئۆسەكلەردە، ئەينى چاغدا ۋاڭ جىن مۇستەملىكە ئۇيغۇر دۆلىتىدە باستۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، "ۋاڭ جىن كېلىۋاتىدۇ دېسە، بۆشۈكتىكى بالىلارمۇ تىنچ ئۇخلايدىكەن. ۋاڭ لېچۈەنمۇ ۋاڭ جىندەك بولۇشى كېرەك،" دېيىشتى. خىتاينىڭ رەڭۋاز مىللەتچىلىرى ۋاڭ، جاڭلارنى ئۇلۇغلاپ يەنە قانداق ئۆسەكلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە كېيىنكى بىر ئىش.

مەن ئېيتىپ قويايكى، بۇ خىتاي مىللەتچىلىرىگە، خىتايدىن ئۇ قورقىشى، بۇ قورقىشى مۇمكىن، خىتايدىن ئۇ دۆلەت قورقىشى، بۇ دۆلەت قورقىشى مۇمكىن. لېكىن، خىتايدىن قورقمايدىغان دۇنيادا بىر مىللەت بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇردۇر. خىتايدىن قورقۇدىكەن ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس. يېقىندا ئۇشبۇ رادىئونىڭ ئاخبارات خەۋىرىدە ئاڭلىتىلغان "قۇدرەتلىك بومبا" ماۋزۇلۇق ماقالىدە مەدھىيىلەنگەن ئالىمجان، ئۆتكەن يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئوق چىقىرىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئالدىغا قىڭراق ئېلىپ يۈگۈرگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ باتۇرلۇقى ئۇيغۇرنىڭ خىتايدىن قورقمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.
 
باتۇر خەلق ھەتتا دۈشمىنى بولسىمۇ قورالسىز ئادەمگە ئوق چىقارمايدۇ، ئەكسىچە، قورقۇنچاق خەلق گەرچە ھۆكۈمران بولسىمۇ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق مىللەتكە، نامايىشقا چىققان ئاياللار - بالىلارغا ئوق چىقىرىدۇ. بۇ پاكىتتىن ئېيتقاندا، ھەقىقىي قورقۇنچاقلار دەل خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئۆزىدۇر.

ۋاڭ لېچۈەننى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلامدۇ ياكى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەمدۇ، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر بىلەن نېمە ئالاقىسى بار؟

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.