خىتايدا زاۋۇتلار تاقالدى، خوجايىنلار قېچىپ كەتتى

دەسلەپتە جياڭسۇلۇق كارخانىچى تاۋ شۇلۇڭ شىركەتنىڭ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ئارقىدىنلا گولىپ توپ كۇلۇبىغا ئەزا بولۇش سالاھىيىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتتى.

0:00 / 0:00

ئۆزىنىڭ ئالىي ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتتى. شۇ ئىشلارنى بېجىرىپ بولغان تاۋ شۇلۇڭ ئاخىرىدا قېچىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ 4 زاۋۇتقا بۆلۈنگەن، 31 يۈرۈشلۈك توپ مەيدانىغا باراۋەر كىلىدىغان، 4 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچى ئىشلەيدىغان جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ بوياقچىلىق شىركەت - كارخانىسى، 2 مىليارد يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىپ، گۇمران بولۇپ بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى پەقەت تارىخقىلا يېزىلىپ قالدى.

ھەممىمىز تۈگەشتۇق دېدى، ‏ - تېخى ئۆتكەن ئايدا بۇ شىركەتنىڭ تارماق شىركىتى ھېسابلانغان جياڭلۇڭ گۇرۇھىنىڭ 300 نەپەر مال بىلەن تەمىنلەش سودىگەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان ما يۇمىڭ ئەپەندى. 38 ياشقا كىرگەن مايۇمىڭ ئەپەندى بىر سىتاكان قەھۋەنى ئالدىغا قويۇپ قويۇپ، ئىس چىقىۋاتقان تاماكىسىنى شوراپ تۇرۇپ،‏ - گاز بىلەن تەمىنلەش شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى خىرەلەشتى، تاۋ شۇلۇڭ ماڭا 850 مىڭ دوللار قەرزدار بولۇپ قالدى، شىركىتىمىزنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ %60 ىنى ئىگىلەپ كەتتى، شۇنداق ھالەتتىمۇ يەنىلا گۇمران بولدى، بىزنىڭ شىركىتىمىزمۇ مائاشنى تارقىتالماي گۇمران بولۇشقا يۈزلەندى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىساد پەنلىرى تەتقىقاتچىسى ساۋ جەنخەي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جۇڭگودا 60 مىڭدىن 70 مىڭغىچە ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپلىق كارخانىلار تاقالدى. يىل ئاخىرىغىچە 100 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىلار تاقىلىشى مۇمكىن.

زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى، خوجايىنلارنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشى ئادەتكە ئايلانغان جۇڭگودا كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە، ئىشلەپچىقارغۇچى سانائەتنىڭ پايدا - زىيان ئۆتكىلىدە زىيانغا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ تاقىلىشى گۇاڭدۇڭدىن باشلاندى. بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتىمۇ گۇاڭدۇڭدىن باشلانغان ئىدى.جۇڭگونىڭ تاشقى سودىسىدا گۇاڭدۇڭنىڭ سودىسى %30 نى ئىگىلەيتتى.

ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە شىنجىن، دۇڭۋەن ۋە باشقا شەھەرلەر مۇھىتنى ياخشىلاش، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك قوشۇمچە قىممەت ياراتقۇچى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئىقتىساد بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەمگەك سىجىللىقى قويۇق تىپلىق مەھسۇلاتلار،ئاياق كىيىم تۈرلىرى،كىيىم - كېچەك، ئائىلە سايمانلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلار ئەمدى قارشى ئېلىنمايدىغان بولدى.

ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 9‏ - ئايدىن باشلاپ كىيىم - كېچەكتىن باشقا تۈرلەردە ئېكىسپورت قىلىش ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئېكسپورتقا تايىنىپ جان باققۇچى سودىگەرلەر ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمىدى.

زاكاز قىلغۇچى توختام ۋە زاكالەت بېرىش سوممىلىرى ئازىيىپ كەتتى. ئامېرىكا بازارلىرىنى تىلغا ئالمايلا قويايلۇق، پەقەت بىرلا پوشەن ئائىلە سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتنى مىسالغا ئالساق، بۇ شىركەتنىڭ دىرېكتورى مۇنداق كۆرسەتتى: ياۋروپادىكى بازىرىمىز ئاۋالقى ئىككى ئايدا تارىيىپ كەتتى، چۈنكى، ياۋرۇپا پۇل بىرلىكىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى.

شاڭگاڭ سانائەت باش شىركىتىنىڭ ھېساباتىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودا شاڭگاڭلىقلار باشقۇرۇۋاتقان 70 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇتنىڭ ئىچىدە %15 تىن ئارتۇقراقى تاقىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن زاۋۇتلار 2‏ - ئايدا باھار بايرىمىدا تاقىلىشى مۇمكىن. گۈاڭدۇڭدا تەيۋەنلىكلەر باشقۇرۇۋاتقان 20 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتنىڭ بەزى خوجايىنلىرى ئۈن - تۈنسىز غايىپ بولدى.

سەندۇڭدا جەنۇبىي كورىيىلىكلەر ئاچقان بىر نەچچە ئېكىسپورت شىركىتىنىڭ خوجايىنلىرى كۆزدىن غايىپ بولدى، يۇقىرىقى ئەھۋاللار دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسىمۇ ياكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسىنىڭ كرىزىسىمۇ؟