بوران - چاپقۇن يېتىپ كېلىشنىڭ ھارپىسىدىكى جىم - جىتلىق
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.11.14
2008.11.14
جاڭ تېدۇڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: خۇ جىنتاۋ ئەپەندى، ئوباما ئەپەندىگە تەبرىك تېلېگرامما ئەۋەتتى، ئامېرىكىغا پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئوباما ئەپەندىمۇ، خۇ جىنتاۋ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنى قول تۇتۇشۇپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شۇنداق قىلىشى مۇقەررەر ئىدى.
لېكىن چۇڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا دەپ، - باشلايدۇ جاڭ تېدۇڭ ئەپەندى، - خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ نۆۋەت سايلانغان ئوباما ئەپەندىمدىن زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ ئۇيان ئويلاپ - بۇ يان ئويلاپ بىر سەزگۈر خۇلاسىگە كەلدىم. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئوباما ئەپەندىمدىن بىر تال جان قۇتقۇزۇش پاخىلىغا، بەلكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال جان قۇتقۇزۇش پاخىلىغا ئېرىشمەكچى بولدى.
20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر جايىدا كوممۇنىستىك پارتىيە - بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقى تۈزۈمىنىڭ تارىخ تەرىپىدىن ھامان شاللىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. 2008 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يان تەرەپتىن ئىنكار قىلىدىغان ئىككى خىل سايلام ھادىسىسى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكىدا بولۇپ ئۆتكەن سايلام، يەنە بىرى تەيۋەندە بولۇپ ئۆتكەن سايلام ئىدى، - دەپ كۆرسەتتى جاڭ تېدۇڭ ئەپەندى، - نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ ۋەزىيىتى قارىماققا ياخشىدەك، جىم - جېت كۆرۈنسىمۇ، ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەت دۇنياۋى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بولسىمۇ، كىم بىلىدۇ، يانار تاغنىڭ ئاستىدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئاددى مىسال، خاربىندا 6نەپەر ساقچى بىر نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. شېنجىندا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار بىر نەپەر ئۆسمۈر قىزنى ئاياق - ئاستى قىلدى. چۇڭچىڭ،شىنجاڭ يەنى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا تاكسى شوپۇرلىرى ئىش تاشلىدى. 2009 - يىلى جۇڭگو ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ سەزگۈر بىر يىل بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.
1905 - يىلى رۇسىيە ئىنقىلابى دەۋرىدە ماكسىم گوركى "چايكا" ماۋزۇلۇق ئەسىرىدە "بوران - چاپقۇن شىددەتلىك كەلسۈن ! بوران - چاپقۇننىڭ شىددەتلىك كېلىشىنى تەبىئەت بەلگىلەيدۇ، شىددەتلىك كېلىشى ياكى كەلمەسلىكى كىشىلەرنىڭ خىيالىغا باقمايدۇ"دەپ كۆرسەتكەن. 1966 - يىلى جۇڭگودا ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا لىن بياۋ تيەنئەنمىن راۋىقىدا تۇرۇپ: قىزىل قوغدىغۇچىلار توپىلاڭ قىلىڭلار! توپىلاڭ قىلىپ بۇرژۇئازىيىنى ئۇخلاتماڭلار! توپىلاڭ قىلىپ پۇرۇلتارىياتنىمۇ ئۇخلاتماڭلار، دېگەن. جۇڭگو جەمئىيىتىدە پارتلاش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ زىددىيەتلىرىدىن پەيدا بولىدىغان بوران - چاپقۇن يېتىپ كەلگەندە، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى ۋە ئەمەلدارلارنىمۇ ئۇخلاتمايدىغان ؛ خەلق ئاممىسى ۋە دېموكراتىك ھەرىكەت جەڭچىلىرىنىمۇ ئۇخلاتمايدىغان بىر ئەھۋال يۈز بېرەمدۇ، - قانداق؟
2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەركىنلىك ئۇچقۇنى گېزىتىگە " خىتاي كوممۇنىست دائىرىلەر تەرەپ - تەرەپتە زەربە ئىچىدە قالدى" ماۋزۇلۇق ماقالە يازغان ساۋ ۋىلۇ ئەپەندى: خىتاي كوممۇنىستلىرى مۇشۇنداق پەيتتە بىر پارتىيە - كوممۇنىستىك پارتىيىگە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ قويۇۋەتمەي،جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاتالمىش ئەۋزەللىكىنى غەربنىڭ دېموكراتىيىسىگە سېلىشتۇرۇپ ۋالاقلاۋېرىدىغان بولسا، بۇ پارتىيە قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەندە، ئاپەتكە ئۇچرايدىغىنى يالغۇز جۇڭگو پۇقرالىرىلا ئەمەس بەلكى مۇستەملىكىچى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۆزلىرىمۇ ئاپەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
يۇقىرىقى ئىككى پارچە ماقالىنىڭ روھىدىن قارىغاندا، ئاپتورلار مۇستەملىكىچى خىتاي كومپارتىيىسىگە يامان غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىۋاتقىنى يوق. رۇسىيىدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىنى يېقىندا تارىخ ئىسپاتلىغاندا يەنىلا بولشىۋېكلار پارتىيىسىنىڭ قولى بىلەن پارچىلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. رۇسىيىدە خىلمۇ - خىل پارتىيىلەر قۇرۇلۇپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەندە، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىمۇ باشقا پارتىيىلەر ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالالىدى ۋە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيىگە ئايلاندى.
رۇسىيىدە بىر دەۋر ئۆزگەردى، بىر ھاكىمىيەت ئۆزگەردى،ھېچكىم ھېچكىمدىن ھېساب ئالمىدى. ھېچكىم ھېچكىمنى تۈرمىگە تاشلىمىدى. ھېچكىم ھېچكىمگە ئۆلۇم جازاسى بەرمىدى. سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر مىللىي دۆلەتلەرگە پارچىلانغاندا، مىللىي ياكى ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرمىدى. كۆچمەن رۇسىيىلىكلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا قالىمەن دېسە قېلىۋەردى، كېتىمەن دېسە كېتىۋەردى. ھېچكىم ھېچكىمگە چېقىلمىدى، قان تۆكۈلمىدى.
ھەر قانداق مەسىلىنى سابىق سوۋېتلەر پۇقرالىرى بىر تال سايلام بېلىتى ئارقىلىق ھەل قىلدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ يولنى تاللاپ ئالماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ بۇ دۇنيانى ئاقىلانىلىققا چاقىرىق قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسمۇ ؟









