تىبەت مەسىلىسى سۈپەت ئۆزگىرىشى دەۋرىگە يىتىپ كەلدىمۇ ؟
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.11.18
2008.11.18
ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە " سان ئۆزگىرىشى بىلەن سۈپەت ئۆزگىرىشىنىڭ مۇناسىۋىتى شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن - ئاخىر سىڭىپ كەتكەندەك،مەۋجۇتلۇقنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولىدۇ، باشلىنىش نۇقتىسىدىن ھالقىپ كەتكەندە، تىبەت بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش بېشى يوق ياكى ئاخىرى يوق توقۇنۇشقا بەلكى قاچان ئاخىرلىشىشىنى بىلمەيدىغان مىللىي ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن " ئىكەن.
مېنىڭچە، تىبەتلەر پەلەستىنلىك ئەمەس. مېنىڭچە خىتايلار ۋە خىتايلار ھاكىمىيىتىمۇ ئىسرائىللار بولالمايدۇ. ئىسرائىللار بىلەن پەلەستىنلەر ئىشىنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ قېلىشى بۇ ئورتا شەرق سىياسەت تارىخىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتىدۇر. شۇنداقلا تىبەت بىلەن خىتاينىڭ مۇستەملىكە مۇناسىۋەتلىرى ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
شۇڭا پەلەستىنلەرنى تىبەتلەرگە، خىتايلارنى ئىسرائىللارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئىسرائىللار بىلەن پەلەستىنلەرنىڭ مۇناسىۋىتى گاھىدا ئۇرۇش، گاھىدا تىنچلىق بىلەن داۋاملىشىپ كەلدى. تىبەت بىلەن خىتاينىڭ مۇستەملىكە مۇناسىۋەتلىرى، تىبەتلەر 1959 - يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ دارامسالاغا يىتىپ كەلگەن كۈندىن ھېسابلىغاندا، ھازىرغىچە كىشىلىك ھوقۇق، تىنچ يول بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، تىبەت مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن داۋاملىشىپ كەلدى.
ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى شۈبھىسىزكى تىبەت مەسىلىسىنى دەل باشلىنىش نۇقتىسىغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويدى دەپ كۆرسەتتى. بەلكى ۋاڭ لىشوڭنىڭ كۆز قاراشلىرى بىر نوقتىدا توغرا بولۇپ چىققاندەك، يېقىندا تىبەتلەر بىلەن خىتايلار بېيجىڭدا 8 - قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە دالاي لاما ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
2008 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تىبەت مۇساپىرلىرى دارامسالادا دېموكراتىك يىغىن تەشكىللىدى. تىبەتلەرنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا بۇ يىغىن بىر قارار ئالماقچى بولدى.تىبەت ئىنقىلابى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلاردا ئۆزگىرىش بولامدۇ؟ قانداق ئىستىراتېگىيىلىك سىياسەتلەرنى بەلگىلەيدۇ؟ ۋاڭ لىشوڭ، تىبەت بىلەن خىتاينىڭ مۇستەملىكە مۇناسىۋەتلىرى ئايىقى چىقمايدىغان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان تىبەتلىك بىر نەپەر خانىم: زوراۋانلىق تىبەت مەدەنىيىتىگە يات ھادىسە دەپ كۆرسەتتى.
ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى: خىتاي ھۆكۈمىتى يېتەرلىك ھوقۇق بولىدىغانلا بولسا، تىبەتتە خالىغىنىمنى قىلالايمەن دەپ قارىدى، نارازىلىق ۋە قارشىلىقنى باستۇرغاندا، باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇرىمەن دەيدىغان سىياسەت بىلەن ئىش كۆرۈپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى يېقىندىن باشلاپ باش كۆتۈرمىسىمۇ ئۇرىدىغان سىياسەتنى يولغا قويدى، دەپ كۆرسەتتى. خىتاينىڭ ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر گە قاراتقان سىياسىتىنى كونكرېت تەھلىل قىلغان ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى: خىتاينىڭ مىللىي ھۆكۈمرانلىقىنى تىبەتلەر تەن ئالمىدى، تىبەتتە قوبۇل قىلىدىغان كىشى چىقمىدى، تىبەتلەرگە خاس مىللىي خۇسۇسىيەت، مەدەنىيەت، تىل قاتارلىق ھەر خىل ئامىللارنى ئالاھىدىلىك قىلغان تىبەت خەلقىنى تىز پۈكتۈرۈش ئۇنداق ئوڭايغا توختىمايدۇ دېگەندە، ۋاڭ لىشوڭ ئەپەندى توغرا ئېيتتى. مىللەت يوقالمايتى، مىللەتنى يوقىتىش ئوڭايغا توختىمايتتى.
تىبەتلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيى 60 يىللىق سىياسىي مۇساپىرلىق ھاياتىنى خۇلاسىلايدىغان قۇرۇلتاي، تىبەتنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا قارار ئالىدىغان قۇرۇلتاي، بىر نەچچە قېتىملىق خىتاي - تىبەت سۆھبىتىگە باھا بېرىدىغان قۇرۇلتاي بولۇپ قالغۇسى.









