ئىقتىسادشۇناسلار يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆرلىگەن ئىكەن، باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىمۇ تېزلىك بىلەن ئۆرلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.
«ئالما گېزىتى» نىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ 9-كۈنى دۆلەت كابىنېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەۋېتىپ، پۇل پاخاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنغان دەسمايىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە قارىتا، قوللاش سىجىللىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا توختالدى.
خىتاينىڭ مەركىزى بانكىسى تويلۇقسىزلا 9-كۈنىدىن باشلاپ پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ قەرز بېرىش ۋە ئامانەت قويۇش ئۆلچەملىرىنى بېكىتىپ، بىر يىل ئامانەت قويغۇچىلارغا 0.25 ئۆسۈم قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تېخى يېقىندىلا، بۇنىڭدىن 45 كۈن بۇرۇن ئامانەتكە ئۆسۈم قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
فرانسىيە رادىئوسى 9-كۈنى "خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركىزى بانكىنىڭ ئۆسۈم قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا سەل قاراشقا بولمايدىغان پۇل پاخاللىشىشنىڭ بېسىمىغا مۇناسىۋەتلىك"دەپ كۆرسەتتى.
«ۋول سترېت گېزىتى»: "تەكشۈرۈشتىن دوكلات يازغان ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىچىدە خىتايدا پۇلنىڭ پاخاللىشىشى كېڭىيىشى مۇمكىن. يېقىندىن بېرى خىتايدا يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ يەنە تىز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ "ئاشلىق يېزا ئىگىلىك فوندى" 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان 5 ئۆلكە ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە دۇچار بولىدۇ. بۇ ئۆلكىلەر خىتايدا ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بۇغداينىڭ 3دەن2 قىسمىنى ئىشلەپچىقىراتتى" دەپ كۆرسەتتى.
سىتى بانكىسى ئىقتىسادشۇناسلىرى تەييارلىغان بىر پارچە دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا، قۇرغاقچىلىقنىڭ بۇ يىلقى ئېغىرلىق دەرىجىسىنى نۆۋەتتە بېكىتكىلى بولمايدۇ. بىراق، ئەھۋال ئۆزىدىن ئۆزىگە مەلۇمكى، ھەقىقەتەن خەتەرلىك، بولۇپمۇ يەر شارى يېمەك-ئىچمەكنىڭ باھاسىغا كۆز تىكىپ تۇرغان ھازىرقى شارائىتتا تېخىمۇ خەتەرلىك دەپ كۆرسەتتى.
ئاشلىق،ئاچارچىلىق دېسە 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا خىتاي 3 يىللىق تەبىئىي ئاپەت دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە 3 يىل ئۇدا ئىشلەپچىقارغان ئاشلىقنى سابىق سوۋىېتلەر ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، سىياسەت ئارقىلىق ئاچارچىلىق پەيدا قىلىپ، ئاتوم قوراللىرى تېخنىكىسىغا ئېرىشمەكچى بولغان ماۋ زېدۇڭ، خىتايدىكىسىنى قويۇپ تۇرايلى، مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا قانچىلىغان ئادەملەرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەبكار بولدى؟
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى. سۈپۈرگە قوناقنىڭ ئۇرۇقىنى، ئاق قوناقنى قازاندا قاينىتىپ بېرەتتى. بۇنداق تاماق بىلەن ئوزۇقلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قورسىقى كۆپۈپ كېتەتتى، قەۋزىيەت بولۇپ قالاتتى... باھار ئايلىرى-سېرىقتال دەۋرى كەلگەندە، ئوقۇغۇچىلار مۈتەللىپجان قارا ياغاچلىقىغا چىقىپ سىدە دەرىخىنىڭ پوكلىرىنى سېزىپ كىرەتتى. ئاشپەزلەر يۇمشاق چوقۇپ ياكى كېپەككە ئارىلاشتۇرۇپ، ياكى قوناق ئۇنىغا ئارىلاشتۇرۇپ قاسقاندا، تاۋىدا پىشۇرۇپ بېرەتتى. تونۇرغا ياققىلى بولمايتتى... دېھقانلارنىڭ كۆرگەن كۈنلىرىنى بىر خۇدا بىلمىسە، بەندە بەندىنىڭ دەردىگە ھەمدەرتمەن بولالمايتتى. تويغۇدەك بىر پارچە نان يوق، ئاچ قالغان ئادەملەر قورسىقى كۆپۈپ كەتكەن ھالەتتە يول تۆپىسىدە ئۆلۈپ قالاتتى...
قارىغاندا، خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ ئەزۋەيلەپ كېتىشى، قۇرغاقچىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كەملەپ كېتىش تەھدىتى ھەممە ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان تەھدىتتۇر. خىتايدا نېمە ئۆزگىرىش بولسا بولسۇنكى، ھەرگىز ئاچارچىلىق يۈز بەرمىسۇن، ئاچارچىلىق، بىر-ئىككى ئادەمگىلا كېلىدىغان تەھدىت ئەمەس، بۇ ئومۇمى خەلققە كېلىدىغان تەھدىتتۇر.
پايدىلانغان بېكەتلەر «خىتايغا نەزەر» تور بىتى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى "چەتئەل مەتبۇئاتلىرى پۇل پاخاللىقى بويىچە خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى..." ماۋزۇلۇق ماقالە.