ئاش بەرگەن قازاننى چېقىش
2011.10.25
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، كارزاي: پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ئافغانىستان قوشنىمىز پاكىستان تەرەپتە تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
پرېزىدېنت كارزاي بۇ گەپنى پاكىستاننىڭ خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە مۇخبىرى كارزاينى زىيارەت قىلغاندا شۇنداق دېگەن ئىدى.
پرېزىدېنت كارزاينىڭ گەپلىرىدىن كىشىلەر تۇيۇقسىزلىق ھېس قىلامدۇ، تېخى تۈنۈگۈنلا دېگۈدەك ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار كاتىپى خىلارىي خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە پرېزىدېنت كارزاي، ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەسمىدى؟
ئافغانىستان، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى ئۇيغۇرىستانغا قوشنا دۆلەت، ئافغانىستان، ئۇيغۇرىستان بىلەن ۋاھان كارىدورى ئارقىلىق چېگرىلىنىپ تۇرىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھىندىستانلىق، ئافغانىستانلىق سودىگەرلەر، سودا تىجارەت بىلەن ئۇيغۇرىستانغا كېلىپ تۇراتتى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇرنىڭ قەشقەردە قۇرۇلغان دۆلىتىگە ۋە دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق ھەرىكەتلەرگە ئافغانىستانلىق قېرىنداشلار ھېسداشلىق قىلىشقان ئىدى. ئېھتىمال ھىندىستاننى بېسىپ ياتقان ئەنگلىيىدىن ياكى سابىق سوۋېت سوتسىيالىزم ئىمپېرىيىسىدىن قورققانلىقتىنمۇ، شۇ چاغدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلالمىغان ئىدى.
ئافغانىستان يىراقتىن ئېيتقاندا ئالىكىساندېر ماكادونىسكىنىڭ، ئوتتۇرا ئەسىرلەردە چىڭگىزخاننىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان بولسا، 19-ئەسىردە ئەنگلىيە بىلەن چار رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن قېتىم مەنپەئەت توقۇنۇشىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە ئافغانىستان سابىق سوۋېتلار جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا، ئافغانىستان ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە ئامېرىكا خەلقى ياردەم قىلىپ، 1989-يىلى سابىق سوۋېتلار جاھانگىرلىكىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى قولغا كەلتۈردى.
2001-يىلى ئافغانىستاننى بازا قىلغان تېررورىستلار تىنچ ياشاۋاتقان ئامېرىكا خەلقىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستانغا يۈرۈش قىلىپ، تېررورىستلار بازىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، تېررورىستلارغا قارشى ئۇرۇش ئۈزۈل- كېسىل غەلىبە قىلدى.
تېررورىزمغا قارشى تۈزۈكرەك ئۇرۇش قىلالمىغان پاكىستان ئەمدىلىكتە ئامېرىكىغا يېنىنى قىلىشقا باشلىغاندا، ھاۋادىن چۈشۈپ ئافغانىستانغا پرېزىدېنت بولغان كارزاي ئەپەندىنىڭ، «ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ئافغانىستان، پاكىستان تەرەپتە تۇرىدۇ» دېگەنلىكى ئاش بەرگەن قازاننى چاقىدىغان ئادەمنىڭ بىمەنە گېپى بولۇپ قالدى.
ئەگەر كارزاي دېگەندەك ئۇرۇش بولۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ ئۇرۇش، ئافغانىستان، پاكىستان چېگرىسىدا، ئافغانىستان بىلەن ئۇيغۇرىستان، پاكىستان بىلەن ئۇيغۇرىستان چېگرىلىرىدا بولىدىغان ئۇرۇشتۇر. ئەگەر كارزاي دېگەندەك شۇنداق ئۇرۇش بولىدىغان بولسا، ئىشىنىمەنكى، ئۇيغۇر خەلقى، ئامېرىكا خەلقى تەرەپتە تۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ.