كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈم ۋە بىر پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈم

يېقىندا خىتاينىڭ خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا دوكلات بەرگەن ۋۇ باڭگو ئەپەندى :«غەربچە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى رەت قىلىمىز» دېدى.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.03.18

ئەگەر، بىر دۆلەتتە سىياسەت ئىجرا قىلىش ۋە سىياسەت بەلگىلەش بىر پارتىيىنىڭ پاتېنت ھوقۇقى بولۇپ قالىدىغان بولسا، قانۇن زوراۋانلىقنى ھىمايە قىلىدىغان قانۇنغا،ساقچى بىلەن ئارمىيە بىر پارتىيىنىڭ قولىدا باستۇرۇش قورالىغا ئايلىنىپ قالغاندىن باشقا، تەشۋىق-تەرغىبات ۋاسىتىلىرىمۇ بىر پارتىيىنىڭ قولىدىكى قورالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. خۇددى بۈگۈنكى خىتاي دۆلىتىدەك. پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پۇقرالار ئۈچۈن سىياسەتكە ئارىلىشىشنىڭ بىردىن-بىر يولى سىياسىي پارتىيە قۇرۇش يولىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇڭا كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈمگە قارشى تۇرىدۇ.

مۇبادا، خىتاي دۆلىتىدە كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈم يولغا قويۇلىدىغان بولسا، موڭغۇللار سىياسىي پارتىيە قۇرۇشقا، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جۇاڭلارمۇ سىياسىي پارتىيە قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، چاتاقنىڭ چوڭ بېشى مۇشۇ يەردە بولغانلىقتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈمگە يول قويمايدۇ. خىتاينىڭ ئىككى چوڭ پارتىيىسى گومىنداڭ، گۇڭچەنداڭ ۋە تەيۋەندە دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسى يەنە چەتئەللەردە قۇرۇلغان دېموكراتلار پارتىيىسى دېگەندەك، يەنە باشقا شۇنداق پارتىيىلەر خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ پارتىيىلەردۇر.

ئۇيغۇرلارغا كەلسەك، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا خوتەندە قۇرۇلغان «مىللىي ئىنقىلابى كومىتېت» پارتىيە خاراكتېرىگە ئىگە تەشكىلات ياكى پارتىيە ئىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قەشقەردە سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان «ياش قەشقەر پارتىيىسى» ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر سىياسىي پارتىيە ئىدى.

ئىككىنچى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار سىياسىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيىلەرگە ئۇيۇشۇپ پائالىيەت قىلغان ئىدى. مەسىلەن، «خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى»، «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى»، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى»، «دېموكراتىك ئىنقىلاب پارتىيىسى»، «تىنچلىقنى قوغداش خەلقچىل ئىتتىپاقى» قاتارلىق تەشكىلات ۋە پارتىيىلەر، خەلقنىڭ كۈچىنى تەشكىللەش ۋە سىياسىي كۈرەشكە ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتە كەم بولسا بولمايدىغان پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار ئىدى.

سىياسىي پارتىيە ئارقىلىق سىياسىيغا ئارىلىشىش ھوقۇقى قانۇن ئارقىلىق گەۋدىلىنىشى، ھوقۇق ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇلۇشى كېرەك. بولمىغاندا قۇرۇلغان سىياسىي پارتىيىلەر داۋاملىق باستۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يول قويمايۋاتقان تەرەپمۇ دەل مۇشۇ يەردىدۇر.

سىياسىي پارتىيە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بولۇپمۇ، مۇستەبىت دۆلەتلەردە سىياسىي پارتىيە قايسى مىللەتكە مەنسۇپ بولسا، شۇ مىللەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئومۇم خەلق پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەيدىغان سەپسەتىلەر ئادەم ئالدايدىغان سەپسەتىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس.

خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ كىمنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا تولۇق ئىسپاتلاندى.

بىر پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈمدە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلا پارتىيىنى نازارەت قىلىدىغان ھاكىمىيەت سىرتىدىكى ئىككىنچى بىر پارتىيە بولمىسا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر پارتىيە زوراۋان پارتىيىگە، خىيانەتچى، پارىخور پارتىيىگە، ئۆزەمچى پارتىيىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ-دە، جەمئىيەت تۈرلۈك- تۈمەن زىددىيەتلەردىن خالى بولالمايدۇ. خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئەمەلىيىتى دەل مۇشۇنداق ئەمەلىيەتتۇر.

كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈمدە سايلام قانۇنى بولىدۇ، پۇقرالارنىڭ پارتىيىلەرنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. ھوقۇق ۋە ھاكىمىيەت پەقەت سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
خىتاينىڭ كۆپ پارتىيىلىك سىياسىي تۈزۈمدىن ئەنسىرەۋاتقان بىر تەرىپى، بەلكى كىشىلەرگە ئېيتالمايدىغان بىر تەرىپى شۇكى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرمۇ پارتىيە قۇرۇشقا ھوقۇقلۇق بولۇۋالىدۇ دەپ ئەنسىرەشتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.