سۇڭ مېيلىن 1943-يىلى نېمىشقا "شىنجاڭ"غا كەلگەن ئىدى؟ 2010.12.22

"...1943-يىلى كۈزدە جياڭ جېشى كۈتۈلمىگەندە لەنجۇدا پەيدا بولدى. ئۇ، ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكىدا ياسالغان يۈك ئايروپىلانىنىڭ شوتىسى يېنىدا تۇراتتى...جياڭ جېشى خوتۇنى سۇڭ مېيلىڭنى ئۇزىتىشقا كەلگەن ئىدى...
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.01.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
سۇڭ مېيلىڭ نېمىشقا شىنجاڭغا كەلمەكچى بولدى؟ يەنە نېمىشقا ئامېرىكىدا ياسالغان يۈك ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى ؟ سۇڭ مېيلىڭ يېقىندا نەدە ئىدى، 2-ئاي، 5- ئايلاردا سۇڭ مېيلىڭ ئامېرىكىدا دۆلەت مەجلىسىدە دوكلات بەرگەن ئىدىغۇ؟ شۇنداق تىز سۈرئەتتە ‏- ھە، نېمىشقا "شىنجاڭ" ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان بولۇپ قالدى؟

ئامېرىكىدا ياسالغان، سۇڭ مېيلىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلان 1943-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى. "ئايرودرومدا چوڭ چەمبىرەك شەكىلدە تىزىلغان مىڭلىغان- ئون مىڭلىغان كىشىلەر بايراقلارنى پۇلاڭلىتىپ قىزغىن قارشى ئالدى" دېيىلىپتۇ يازمىدا. ئۈرۈمچىدە ئايرودرومغا چىققۇدەك شۇنچىلىك خىتاي كىشى بارمىدىكىنە، شۇ چاغدا؟

شىڭ شىسەي تەييارلىغان زىياپەتتە سۇڭ مېيلىڭ سۆز قىلىپ :" مەن بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ناھايىتى خۇشاللىق ھېس قىلدىم. بىزنى كاتتا كۈتۈپ ئالغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شىنجاڭ،شىڭ دۇبەننىڭ باشقۇرۇشىدا ناھايىتى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ..."دېدى.

1943-يىلى كۈزدىن باشلاپ شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل بارلىق شوئار، لوزۇنكىلارنى يىرتىپ تاشلىدى... شىڭ شىسەي قانداقسىگە شۇ دەرىجىدە يۈرىكىنى قاپتەك قىلالىدى؟

"1943-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان بىر نەچچە قېتىملىق (خەلقئارالىق) دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا، جياڭ جېشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ تېررىتورىيە توغرىسىدىكى باياناتىنى ئېتىراپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى"، بۇ دېمە ك، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا دائىم داۋاملىشىپ تۇرىدىغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ رايونلار مەسىلىلىرىگە، ئاز سانلىقلار، كىچىك مىللەتلەر ياشايدىغان تېررىتورىيىلەرنى قايسى دۆ لەتنىڭ تەسىر دائىرىسىگە ئايرىپ بېرىشكە ماقۇل بولۇش ئارقىلىق، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەشكە بېرىپ چېتىلاتتى.
جياڭ جېشىغا نىسبەتەن " ئېتىراپ قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش"تىن ئېيتقاندا، "مانجۇرىيە، تاشقى موڭغۇلىيە ۋە تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىك ئىدى"، "رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى يازغۇچى جۈن گارۋېر بۇ يەردە "شىنجاڭ " دېگەن ئىسىمنى نېمىشقا قەلەمدىن چۈشۈرۈپ قويدى؟

سۇڭ مېيلىڭ 1943-يىلى 2-ئايدا روزۋېلىت بىلەن سۆزلەشكەندە بۇ تەلەپلەرنى" مانجۇرىيە، تەيۋەن، تاشقى موڭغۇلىيە، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردا گومىنداڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى" نى روزۋېلىتنىڭ ئالدىغا قويغان ئىدى، دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى،ئەگەر سۇڭ مېيلىڭ تاشقى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيەلەر قاتارىدا "شىنجاڭ " مەسىلىسىنىمۇ روزۋېلىتنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسا، 1943-يىلى 1-، 2-ئايدا جياڭ جېشىنىڭ يۈز مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيىسى "شىنجاڭ" غا تاجاۋۇز قىلىپ كىرەلمىگەن بولاتتى ۋە سۇڭ مېيلىڭ ئۆزىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ "شىنجاڭ " ئۈرۈمچىگە كېلەلمىگەن بولاتتى، 2-، 5 -ئايلاردا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسىگە دوكلات بېرىپ (بۇ دوكلاتتىن خاتىرە قالدۇرۇلمىغان ئىكەن) يۇقىرىقى تېررىتورىيىلەرنى جۇڭگوغا قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان سۇڭ مېيلىڭ 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە پەيدا بولالمىغان بولاتتى.

"جياڭ جېشىنىڭ ئاساسلىق دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيىسى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن، بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرەتتى. جياڭ جېشى شىنجاڭ، تاشقى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيىدىن ئىبارەت " قولدىن كەتكەن يەرلەر" ( بۇ يەرلەر تارىختا چار رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان )نى قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك ئىدى" دەپ يازغان يازغۇچى جۈن گارۋېر ئەپەندىنىڭ، سۇڭ مېيلىڭ روزۋېلىتنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدىن "شىنجاڭ" دېگەن ئىسىمنى يازمىسىدا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئەپسۇسلىنىشقا ئەرزىيدىغان قەلەم خاتالىقى ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىنى، كۆز-كۆز قىلىش، ئامېرىكىنىڭ 1943-يىلى 4-ئايدا ئېرمۇند كىلوبېنى ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى سوۋېتلەرنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلىش، ئۆزىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلەردە غەلىبە قىلغانلىقىنى ستالىننىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلىش، شۇ چاغدا خىتاينىڭ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلاردا ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە، قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا ۋە شىنجاڭ "دېگەن بۇ زېمىنغا ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك ياردەم قىلىشى ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا، سۇڭ مېيلىڭ 1943-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىگە كەلگەن، كەلگەندىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. گومىنداڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ "شىنجاڭ"دا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن پەۋقۇلئاددە خادىمى ۋۇ زېشياڭنىڭ سۇڭ مېيلىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۈرۈمچىگە بىللە كەلگەنلىكى، چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە يەنە نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغاندۇ؟

(پايدىلانغان كىتابلار "رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار"، ئاپتورى جۈن گارۋېر،ئامېرىكا. "شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى" 23- كىتاب)
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.