ئۈچ كۈن ئىچىدە نېمىلەر بولۇپ ئۆتتى؟

ياخشى گەپمۇ ئۈچ كۈن بولىدۇ، يامان گەپمۇ ئۈچ كۈن بولىدۇ. ھەپتىنىڭ ئۈچ كۈنى ئۇياققا ئۆتكەندە ياخشى گەپ، يامان گەپمۇ ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بىراق، ھەپتىنىڭ ئۈچ كۈنى بۇياققا ئۆتكىچە يەنە يېڭى- يېڭى گەپلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى
2011.01.28

1-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن بۇرۇن دېگۈدەك، خىتاينىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلدى. داغدۇغىلىق كۈتۈپ ئېلىندى. گەرچە، خىتايپەرەس سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇھاكىمىچىلىرى ئىچكى سەۋەبلەر تۈپەيلى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى "دېھقان كارخانىچىنىڭ شەھەرگە كىرىپ قاسساپنىڭ يېنىدا تۇرۇشى" دەپ ھاقارەتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىدا قىزىل گىلەمگە پۇت قويدى، ئامېرىكىدىن كۈتكەن يۈز خاتىرىگىمۇ ئېرىشتى.

24-كۈنى موسكۋادا پارتلاش يۈز بېرىپ دېموكراتىك رۇسىيىگە ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى. يەنە 24-كۈنى يېڭىلا ۋاشىنگتوندىن قايتىپ كەلگەن خىتاي دۆلەت كومىسسارى دەي بىنگو ئەپەندى. رۇسىيە، خىتاي 5-قېتىملىق "ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلىش " ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن موسكۋادا پەيدا بولدى. 28-كۈنى دەي بىنگو يەنە زىيارەت ئۈچۈن بېيجىڭغا يىتىپ كەلگەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلار كاتىپى سىتان بورگ بىلەن جۇڭنەنخەيدە يۈز كۆرۈشتى.

تۇنىستا پارتلىغان ياسىمەنگۈل ئىنقىلابىدىن كېيىن، مىسىر، ئىئوردانىيە، ماراكەش، ماۋرىتانىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغۇچىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئافغانىستان، ئوتتۇرا شەرقتە يەمەن، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتكە قارشى ھەپىرەڭگۈل ئىنقىلابى پارتلىدى.

25-كۈنى مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدە پارتلىغان ئاقچايگۈل ئىنقىلابى 27 ‏-كۈنى 1000دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنسىمۇ بېسىقماي 28-كۈنىگە يىتىپ كەلگەندە نامايىش مىسىردا ئومۇميۈزلۈك ئاقچايگۈل ئىنقىلابىغا ئايلىنىپ ھۆكۈمەت، تور بىتى ۋە تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

دۆلەت ئىشلار كاتىپى ھىلارىي خانىم 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار قوزغىغان، خىتايلار باستۇرغان نامايىشقا ئىپادە بىلدۈرۈپ، "ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەلەپ قىلغان " دەك، بۇ قېتىممۇ مىسىردىكى نامايىشقا باغلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئېغىر-بېسىق بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

1-ئاينىڭ 26-كۈنى "دۇۋىي تور بىتى" خۇ جىنتاۋ بىلەن ئوبامانىڭ ئۇچرىشىشى ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولمىدى" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى" ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى"گە ئىمزالىق ماقالە يازغان روبېرت سامىلسۇننىڭ كۆز قاراشلىرىنى تونۇشتۇردى. ئاپتور : ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ نىشانى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئامېرىكا سودا-تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ تەرتىپىنى كېڭەيتمەكچى بولىدۇ، خىتاي بولسا، يېڭى، بەلكى ئۆزى خوجايىن بولىدىغان دۇنيا تەرتىپىنى تۇرغۇزماقچى بولۇۋاتىدۇ"دەپ كۆرسەتتى.

يەمەندە ئىنقىلابچىلار پرېزىدېنت مەمەت سالىھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى، مىسىردا ئىنقىلابچىلار ھۆسنى مۇبارەكنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىشتى.

بېزىلەر، تۇنىستا پارتلىغان ياسىمەنگۈل ئىنقىلابىنى، يەمەندە پارتلىغان ھەپىرەڭگۈل ئىنقىلابىنى، مىسىردا پارتلىغان ئاقچايگۈل ئىنقىلابىنى، ماراكەش، ئىئوردانىيىدە پارتلىغان نامازشامگۈل ئىنقىلابىنى "مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى" ماۋزۇلۇق كىتابتا كۆرسىتىلگەندەك، "4-قېتىملىق دېموكراتىيە دولقۇنى "يىتىپ كەلدى دېيىشسە، يەنە بېزىلەر، بۇ ئىنقىلابلارنىڭ خانتىڭتۈن ئوتتۇرىغا قويغان "دېموكراتىيە دولقۇنى" بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، بۇ ئىنقىلابلارنى ياخشىسى "بىر قاچا قورداق" ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب دېگىنىمىز تۈزۈك دېيىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.