بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن دالاي لاماغا ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالىدىغان بولسا بۇ ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ، غەرب دۇنياسى ئۈچۈنمۇ، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاقى ئۈچۈنمۇ ياخشى بولمايدىغان بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ.
قائىدە بويىچە دالاي لاما يۇرتى تىبەتكە قايتىشى كېرەك؛ دالاي لاما يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق سىياسىي سەرگەردان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا دۇنياۋى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى دۆلەت ئەخلاقى ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە تىبەتنى قوللاش سىياسىتى دائىرىسىدە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىشىغا مەسئۇل بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بىر ئەسىر ئىلگىرى 1910-يىلى دالاي لاما 13-ۋەتىنىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا (تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا چار رۇسىيىگە يېلىنىپ يالۋۇرغان) كەينىگە بۇرۇلۇپ بۇدالا سارىيىغا بىر قارىۋېتىپ «مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن» دېگەن ئىكەن. تىبەت خەلقى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دالاي لاما 13-نى تىبەتكە قايتۇرۇپ كەلگەندە، دالاي لاما 31-لىخاسادا، «تىبەت جۇڭگودىن مۇستەقىل تۇرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىكەن.
يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن 1959-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى دالاي لاما 14-يېرىم كېچىدە لىخاسادىن ئايرىلغان چاغدا ئوخشاشلا مەن قايتىپ كېلىمەن، دەپ قەسەم بەرگەن. دالاي لاما 2011-يىلى 3-ئايدا تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەردى. دىن بىلەن سىياسەت بىرلەشكەن تىبەتچە سىياسىي تۈزۈمنى بىكار قىلدى.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى دۇۋىي تور بىتى مۇنداق خەۋەر تارقاتتى: مۇخبىرىمىز تىبەتنىڭ يېڭى ۋەزىرى لوساڭ ساڭگەينى زىيارەت قىلىپ، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنى قانداق ئاتاش توغرىسىدا سورىغاندا، يېڭى ۋەزىر لوساڭ ساڭگەي ئۆزىنىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت دېيىشنىڭ ئورنىغا «تىبەت باشقۇرۇش ئورگىنى» دەپ ياكى «تىبەت خەلقىنىڭ مەمۇرىيەت مەركىزى» دەپمۇ ئاتايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى دارامسىلادا تەيۋەن ياشلىرى ئۆمىكىنى قوبۇل قىلغاندا دالاي لاما،خىتايدا بىر ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرىنىڭ جۇڭگوغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، مەن جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىم مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى تىبەتلەر دارامسىلادا پارلامېنت يىغىنى چاقىرغاندا دالاي لاما 14-يىغىنغا ئەۋەتكەن خېتىدە رەھبەرلىك خىزمىتىنى قايتا ئۈستىگە ئالمايدىغانلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، «تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى» نىڭ ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. «سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت» دېگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسى تىبەتلەر قۇرۇلتىيىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان.
يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، دالاي لاما تىبەتكە قايتىشنىڭ بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلالايدىغان شەرتلەرنى ئۆزىمۇ قوبۇل كۆرگەن ئەھۋال ئاستىدا، تىبەتكە قايتىشنىڭ ياكى خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
دالاي لاما ھەرگىز ئاۋۋال بېيجىڭغا بارمايدۇ. بۇ ئەھۋال مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغىمۇ شىددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شۇڭلاشقا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا دۇنياۋى جامائەت پىكرى تەييارلاش، دالاي لاما تىبەتكە كېلىش پەيتلىرىدە مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ يېڭى پىلانىنى كۈن تەرتىپكە قويدى. بۇ ئىككى مەسىلە مەنتىقىي جەھەتتە زىددىيەتلىك ئەمەسمۇ؟ مۇستەملىكىچى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سېكرېتار جاڭ چىڭلىنى تىبەتتىن يۆتكەپ كېتىشى دالاي لامانىڭ تىبەتكە كېلىشىگە يول تۈزلەپ بېرىش ھېسابلىنامدىغاندۇ؟