خوتەن ۋە قەشقەر ئۆلكىلىرىدە ئويغانغان ئۇيغۇرلار خىتايلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇش، كۆچمەن خىتايلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىش، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ياكى تارىختا قۇرۇلغان خەلقئارا سىياسىي سودا ئارقىلىق سېتىۋېتىلگەن دۆلەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش شىجائىتى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققاندا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى باستۇرۇش بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئۇيغۇرلار يەنە بەدەل تۆلىدى.
ئاقسۇ، خوتەن ۋە ئۇيغۇرىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان لېستوۋكىلار، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقىلىشقا باشلىدى. مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا مۇستەملىكە ئۇيغۇر مىللىتى ماددىي ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مۈلۈكچىلىك ھوقۇقىنى، سىياسەت بويىچە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنى، سىياسىي ئىقتىساد بويىچە، تەرەققىيات، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى، مەدەنىيەت تەرەققىيات ھوقۇقى بويىچە باش كۆتۈرۈش، ئويغىنىش ھوقۇقلىرىنى ئولتۇرۇۋېلىپ تەلەپ قىلىشقا ئەمەس، بەلكى كۈرەش ئارقىلىق تەلەپ قىلىشقا باشلىدى.
خىتاي كۆچمەنلىرى قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن ئايرىلىشقا باشلىدى. تيەنجىن، جېجياڭ قاتارلىق ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەن كۆچمەنلەر، ياكى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندىن ئايرىلىشقا باشلىدى ياكى قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا كوچىلارغا چىقالمايدىغان بولدى. بۇ غەلىبە، ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ غەلىبىسى ئەمەسمۇ؟!
مەسىلەن، بوشۈن تور بىتى 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى «شىنجاڭدا ئۇيغۇر كەنتلىرىدە خەنزۇ كۆچمەنلەرنىڭ 10 نىڭ ئىچىدە 9 ئى كېتىپ بولدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىپ 5-ئىيۇل ئىنقىلابى ھەرىكىتىدىن كېيىن، گەرچە ھۆكۈمەت قوغداشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، قورقۇش ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈش قىيىن بولغانلىقتىن كېتەلەيدىغانلار ئىچكىرى خىتايغا كېتىشنى قارار قىلدى، دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي كۆچمەنلىرى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستاندا ھەرگىز ئېغىر سانائەت بەرپا قىلمايدۇ. خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ يەرلەشتۈرگەن تەقدىردىمۇ ھەرگىز ئېغىر سانائەت بەرپا قىلمايدۇ. چۈنكى، مۇستەملىكە دېگەننىڭ مەنىسى خام ئەشيا بازىسى دېگەنلىكتۇر. بۇ ئىش خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پاختا ئىشلەپچىقىرىش، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىش، تاماكا ئىشلەپچىقىرىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇستەملىكە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى بولغاندەك؛ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىمۇ خام ئەشيانى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ خالاس. يەر ئاستى بايلىقىنى ئېچىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھوقۇق مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلارغا بېرىلگەن ھوقۇق بولۇپ، بۇ جەھەتتە چەتكە قېقىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقىدىن قىلچىمۇ بەھرىمەن بولالمايدۇ.
خىتاي ئاھالە كۆچۈرۈشنى، خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھەقسىز يەر تەقسىم قىلىپ بېرىشنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ پۇل ئاجرىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى جىددىيلەشتۈرگەن ئەھۋالدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ خەلقئارا ئىش تەقسىماتىغا قاتنىشىشقا مەجبۇر بولغان خىتاي مەملىكىتىدە ھەر قانداق بىر خىتاي كۆچمەن تېخنىكىلىق، مەلىكىلىك ئىشقا جەلپ قىلىنىدۇكى، ھەرگىز مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا كېلىپ دېھقان بولۇشنى خالىمايدۇ. سەنشا قۇرۇلۇشىغا، تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۇچار بولغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈپ چىقىپ مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا يەرلەشتۈرگەندىمۇ، بىر ئېغىز گەپ، ئۇيغۇرىستاندا ئۇنداق كۆپ سۇ يوق. سۇ مەسىلىسى ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىلەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا مىللىي توقۇنۇشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا دۇنياۋى مىللەتلەر قاتارىدا ئوخشاشلا ھوقۇقلۇق بىر مىللەتقۇ؟!