خەلقئارادىكى تېررورچىلىق ۋە خىتاينىڭ دۆلەت تېررورچىلىقى
2011.09.13
ئامېرىكا خەلقى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ 10يىللىقىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى. سابىق پرېزىدېنت جورجى بوش مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا : شۇ ۋاقىتتا ياردەمسىز، چارىسىز ھېسياتتا قالغانلىقىنى، ئەمما غەزەپلەنگەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئامېرىكا جەمئىيىتى قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ بىلەن تېررورچىلارغا، ئۇلارنىڭ ئافغانىستان، ئىراقتىكى ياۋۇز كۈچلىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرىپ تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنىمۇ،ئۆزىنىمۇ بىللە قوشۇپ يوقاتتى. لېكىن تىنچلىق دىپلوماتىك يوللار بىلەنمۇ ئىشقا ئاشاتتى. بىراق تېررورچىلارغا دىپلوماتىك يوللار بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئورنى بولمىغانلىقتىن، ھەربىي كۈچ بىلەن تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولى شۇ چاغدا ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىردىن-بىر تاللىشى بولۇپ قالدى.
بىرىنچى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا قۇدرەتلىك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن بولسا، بۇ قېتىم 11-سېنتەبىردە ئامېرىكا ئۇنىڭدىن ۋەھشىي تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن،ئەشەددى دىنچىلار شۇ چاغدا ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسا، قىزىقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇل-كېسىل مەغلۇپ بولۇشىنىمۇ پىلانلىغان ھېسابلىناتتى.
بىراق، سېنتەبىر ۋەقەسى ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا بىر يارا قالدۇرۇپ كەتتى. ئىنسانىيەت ئۆز-ئارا مېھرىبانلىق، كەڭ قورساقلىق، ئۆز-ئارا ياردەم قاتارلىق ئەقلى تەپەككۇر بىلەن بارلىققا مۇناسىۋەت قىلىپ، مەۋجۇتلۇقنى ئەقىلنىڭ كۈچى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، رىئاللاشقان ئارزۇلارنىڭ ۋەھىمىدىن يىراق تۇرۇشى ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش بولۇپ قالدى. يەنى ئىنسانىيەتنىڭ ياخشى ئارزۇلىرى ۋەھىمىدىن يىراق تۇرالمىدى.
دېموكراتىك دۆلەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۇنيا، تېررورچىلارمۇ، خىتايدەك مۇستەبىت دۆلەتلەرمۇ ئوخشاش مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دۇنيا ئىدى. تېررورچىلار مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەتتى.
تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش جەھەتتە دۇنيا ئورتاق تونۇشقا كەلدى . بىراق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە دۆلەت تېررورچىلىقىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇردەك باشقا مىللەتلەرگە ۋە غەيرىي سىياسىي قاراشقا ئىگە خىتاي پۇقرالىرىغا باستۇرۇش بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان خىتايدەك زوراۋان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىگە چەك قويۇش جەھەتتە تېخى ئىنسانىيەت بىر پىكىرگە كېلەلمىدى.
سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ 10 يىلدىن بېرى تېررورچىلارغا قارشى دۆلەت كۈچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشىدىن پايدىلانغان خىتايدەك دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت تېررورچىلىقى ھۆكۈمرانلىق شەكلى، ئاۋۋالقى 10يىلغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى. مەسىلەن، خىتاي 1978-يىلى ئىسلاھاتچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 1980-يىلى ئاقسۇدا ئۇيغۇرنىڭ نامايىشىنى باستۇردى، 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى باستۇردى. 1990-يىلى بارىندا ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭىنى باستۇردى، 1997-يىلى ئۇيغۇرنىڭ ئىلى نامايىشىنى باستۇردى.2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە قىرغىنچىلىقنى يولغا قويدى،2011يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا خوتەن، قەشقەردە قىرغىنچىلىق قىلدى. ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى يىلدىن-يىلغا جىددىيلەشتۈردى.
دۆلەت تېررورچىلىقىنى يولغا قويۇۋاتقان جۇڭگو غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن بولغان سۆھبەتلەردە، دۆلەت تېررورچىلىقىنى يولغا قويۇشتىن كەينىگە بىر قەدەممۇ چېكىنگىنى يوق.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلاردا كىشىلىك ھوقۇق ئېڭىنىڭ ۋە ھوقۇق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا مۇھىت تەييارلاپ بەرگەن، شۇنداق ئويغىنىشلارغا ئەنئەنىۋى مەنبە بولۇپ بەرگەن، ئۇيغۇرلاردا ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئەخلاق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى خىتاينىڭ دۆلەت تېررورچىلىقىغا قارشى تۇرالايدىغان بىردىن-بىر كۈچ بولۇپ قالدى.