مەسچىتى ھەرەمدە 30 يىل مۇدەررىسلىك قىلغان ئۇيغۇر ئالىمى

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھوشيارلىقى بىلەن بارغانلا جايدا ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ۋە كاتتا مەرتىبىلەرگە ئېرىشكەن مىللەتتۇر.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىچىدە يۇقىرىسى دۆلەت مەخپىيەتلىك ئىدارىسىدا، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە مەسچىتى ھەرەمدەك ئۇلۇغ جايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىرىمۇ كۆپ. ئەللامە مۇھىدىن باھائۇددىن قەشقىرىمۇ شۇلاردىن بىرىدۇر.

ئەللامە مۇھىدىن باھائۇددىن قەشقىرى 1883 - يىلى قەشقەردە ھاللىق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئىپتىدائىي تەلىمىنى قەشقەردە تاماملىغاندىن كېيىن، بۇخاراغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇخارادىكى ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملىغان مۇھىددىن قەشقىرى ھىندىستانغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرغان. ئۇ جايدا دىنىي ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشنىڭ سىرتىدا تىببىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن ۋە 1928 - يىلى ئىستانبۇل ئارقىلىق مەككىگە يېتىپ كەلگەن ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد قاسىم ھاجىم ئەللامە مۇھىدىن باھائۇددىن قەشقىرى توغرىلىق مۇنداق دېدى:" مۇھىددىن ھاجىم ياڭ زىڭشىننىڭ دەۋرىدە ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، بۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى بويىچە ئىككىنچى چوڭ مەدرىسە ھېسابلىنىدىغان سەۋلەتىيە مەدرىسىدە ئوقۇپ يېتىشىپ يەنە شۇ مەدرىسىگە مۇدەررىس بولغان ئىكەن. بۇ ئادەمنىڭ مەسچىتى ھەرەمدە 30 يىل مۇدەررىس بولغانلىقى ئايرىم بىر شەرەپ ئىدى. چۈنكى ھەر قانداق ئادەم مەسچىتى ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلىش شەرىپىگە نائىل بولالمايدۇ."

مۇھىددىن قەشقىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ھاياتى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەللامە مۇھىددىن باھائۇددىن قەشقىرى مەككىگە يېتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەستىن ئۇنىڭ شۆھرىتى ھەر ياققا تارقىلىشقا باشلايدۇ، ھەممە بىردەك ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ ئىلمىدىن بەھرى ئېلىشقا تىرىشقان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ مەسچىتى ھەرەمدىكى مۇدەررىسلىك ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەۋلەتىيە مەدرەسسىئىدىكى مۇئەللىملىك ۋەزىپىسىنىمۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغان ئىكەن. ئەللامە مۇھىدىن باھائۇددىن قەشقىرىنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلاردىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى مۇھىم ئورۇنلىرىغا ئورۇنلىشىپ خىزمەت ئىشلىگەنلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭ تۈركىستانلىقلاردىن باشقا، ئەرەب، ھىندىستانلىق، مالايسىيالىق ۋە ئافرىقىلىق كۆپلىگەن تالىپلىرى بار ئىكەن.

مۇھىددىن قەشقىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى نوپۇزى

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەللامە مۇھىدىن باھائۇددىن قەشقىرى ئۇيغۇرلاردىن چىققان كاتتا ئۆلىما بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ھەر قانداق ئىختىلاپ ۋە جېدەل - ماجىرالارنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناقلىقنى ساقلاشقا زور ئەھمىيەت بەرگەن ئىكەن.

ئۇيغۇرلارمۇ ئومۇمەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىكەن ۋە نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئۇ كىشى دىندا كاتتا ئالىم بولغاننىڭ سىرتىدا ، تارىخ ۋە تىبابەت ئىلىملىرىدىمۇ تونۇلغان ئالىم ئىكەن.

ئەللامە مۇھىدىن باھائۇددىن قەشقىرى 1948 - يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.