بىڭتۇەننىڭ ئاقسۇدىكى 4‏ - پولكى ئەتراپىدىن 100گە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان

5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" دە ئۇيغۇر ئىلى بويىچە قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇلاردىن قانچىلىك كىشى جازاغا تارتىلغانلىقى ياكى ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر سانلىق مەلۇماتى يوق. ئۇلار پەقەت قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىز ‏ - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ 10 مىڭدىن ئاز ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ مەسىلىنى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. پەقەت يېقىندىن بېرى بەزى يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردىن بەزى جايلاردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىغا دائىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش مۇمكىن بولدى.

خىتاينىڭ "بىڭتۇەن ئۇچۇر تورى" يېقىندا خەۋەر ئېلان قىلىپ، 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەن ئاقسۇ 1‏ - دىۋىزىيىسىنىڭ 4‏ - پولكى ئەتراپىدىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردىن 100 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتنىشىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 4 - پولك ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يېڭى ئاۋات يېزىسى بىلەن قوشنا بولۇپ، مەزكۇر پولك قۇمچى، قوڭرات، ئاتۇر، قاراباغ، سۈرگۈن، تېرىم، توپىلاڭ جىران قاتارلىق ئۇيغۇر يېزا - كەنتلىرىگە تۇتۇشىدىغان ۋە 1300 كىشىلىك بىر ئۇيغۇر ليەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىڭتۇەن ئالدىنقى سەپ بازىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

"بىڭتۇەن خەۋەرلەر تورى"نىڭ مەلۇماتىدا يەنە، 5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن مەزكۇر پولك ئەتراپىدىكى ناھىيە، يېزىلاردىن 100 گە يېقىن 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقۇچى قولغا ئېلىنىپلا قالماي، بىر قانچە"قانۇنسىز" تەشكىلاتنىڭ تورغا چۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ قايسى يېزا - كەنتلەردىن قولغا ئېلىنغانلىقى، ھازىرقى ئەھۋالى، تورغا چۈشكەن تەشكىلاتلارنىڭ ئىسمى ۋە قانداق تەشكىلات ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنىڭ پۈتۈن ئۈچتۇرپان ناھىيىسى ياكى ئۈچتۇرپانغا قوشنا ئونسۇ ناھىيىسىدىن قولغا ئېلىنغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە ياكى 4‏ ‏ - پولك ئەتراپىدىكى قوشنا يېزا، كەنتلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

"‏5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دە بىڭتۇەن بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر ھىچقانداق ئۇچۇر بولمىسىمۇ، لېكىن بىڭتۇەن قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلار بار. "بىڭتۇەن ئۇچۇر تورى"نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن 4‏ - پولك قارمىقىدىكى خەلق ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇپ، 4‏ - پولكتىكى ئۇيغۇر ليەن ۋە پولك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر يېزا، كەنتلىرىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قارشى ھەربىي ھازىرلىقلار ئېلىپ بارغان.

4 ‏ - پولك يەنە مەخسۇس پىلان تۈزۈپ، پولك سىياسى كومىسسارى ۋە پولك كوماندىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ چىققان. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە 5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە بىڭتۇەن بىلەن ئۇيغۇرلار توقۇنۇشمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل مۇمكىنچىلىك ھەر ۋاقىت مەۋجۇت. ئامېرىكا لاۋگەي تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى خاررىي ۋۇ ئەپەندى بىڭتۇەننى تەتقىق قىلغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا كونتروللۇقنى يوقاتسا بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش پارتلاش خەۋپى مەۋجۇت دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، "جۇڭگونىڭ تارىخىدىن قالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىدى. بۇنىڭ ياخشى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇنىڭ ئاستىدا ئېرقىي ۋە مىللىي كەمسىتىش بار. كۆپچىلىك خەنزۇلاردا 'ئاز سانلىق مىللەتلەر قالاق ھەم ۋەھشى، ئۇلار بىلەن چىقىشقىلى بولمايدۇ' دەيدىغان قاراش مەۋجۇت. ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىدىكى ۋەھشىيلىك ۋە رەھىمسىزلىك بۇ قاراشنىڭ ئىنكاسى" دەپ كۆرسەتتى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1954‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، بىڭتۇەن ئاھالىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئەسىرگە چۈشكەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى، ئۇيغۇر ئېلىغا پالانغان پالاندىلار ۋە كومپارتىيە ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر قىسىم ئەسكەرلەردىن تەركىپ تاپقان ئىدى. ئاقسۇدىكى 1‏ - دىۋىزىيە بىڭتۇەننىڭ ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان قىسىملىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ غوللۇق كۈچىدۇر.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن 4‏ - پولك مەزكۇر پولك قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ليەننى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، شۇ جايدىكى مەسچىتلەرنى قامال قىلغان. مەسچىتكە مەخسۇس پوست قويۇپ، كۈندىلىك نامازغا كەلگەن ياكى جۈمە نامىزى ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ بۇ تەۋەلىكتىكى مەسچىتلەردە ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن. خاررىي ۋۇ بىڭتۈەنگە ئوخشاش بىر ئورگان دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە تېپىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى بىر قانۇنسىزلىقتۇر، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :بىڭتۇەننىڭ ئۆزى ئەزەلدىن بىر قانۇنسىز ئورگان. ئۇ نېمە ئۈچۈن ئادەم تۇتىدۇ. ئۇ نېمە ئۈچۈن روتا، ئىزۋوت، باتالىيونلارغا ئايرىلىدۇ؟ سىزنىڭچە ئامېرىكىدا بىڭتۈەنگە ئوخشاش روتا، باتالىيونلارغا ئايرىلغان بىر ئورگان بارمۇ؟ سىز بۇنداق ھەربىي تەشكىلاتنى كۆرگەنمۇ؟ دېمەك ئۇ ئەسلىدىنلا بىر قانۇنسىز تەشكىلات. ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى، ئىقتىسادى، سىياسى سىستېمىسى بار. دۇنيانىڭ قەيىرىدە بۇنداق تەشكىلات بار؟ سىز قانداق قىلىپ ئۇنى قانۇنلۇق دەپ ئېتىراپ قىلالايسىز."

خاررىي ۋۇ نىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى ئۆز ‏ - ئارا نەپرەت ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇنى نوقۇل خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىددىيەت ئەمەس. ئۇ، بۇنىڭ ئۇزۇن تارىخىي يىلتىزى بارلىقىنى بىلدۈردى.

خاررىي ۋۇ، "ئۇزۇندىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىنى جۇڭگو كومپارتىيە ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەنچىڭ دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولماي كەلگەن. شىنجاڭ ئۇزۇن ۋاقىت مۇستەقىل بىر رايون بولغان. شىنجاڭدا بۇرۇن نۇرغۇن ئۇششاق دۆلەتلەر بار ئىدى. خەن دەۋرىدە بەنچاۋ غەربكە سەپەر قىلىپ، 36 دۆلەت بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىنىڭ قوراللىق كونتروللۇقنى قۇرۇش مۇستەملىكىچىلىكتىنمۇ بەتتەر ئەسكى ئىش. بۇرۇن قوشنا ئەللەردىن كورىيە، ۋېيتنام، بېرمىلارغا بۇ خىل مۇئامىلىدە بولغان. شۇڭا بۇ خىل ئىرقچى، ھۆكۈمدارلىق مۇناسىۋىتى كومپارتىيە دەۋرىگىچە يېتىپ كەلدى" دەيدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.