بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن بىر ئائىلە كىشىلىرى جاپا چەكتى، خەتەرگە كۆكرەك كېرىدى. بولۇپمۇ ئارزۇگۈلنىڭ دادىسى تۇرسۇنجان ھەسەن؛ دۇنياغا كۆز ئاچقۇسى نەۋرىسى ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەلگە ھازىر بولدى.
تۇرسۇنجان ھەسەن ياردەم قىلىمىز دېگەن ھەر قانداق كىشىنىڭ تېلېفونىنى ئالدى، دەردىنى ئېيتتى؛ ئۇ قىزىڭنى ئوپىراتسىيە قىلىمىز دېگەن ھەر قانداقلا كىشىگە قارشى تۇردى، نارازىلىق بىلدۈردى.
نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئاۋازى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قۇلىقىغا يەتتى، جۈملىدىن ئامېرىكا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى پەيلىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولدى.
ئۇلار باياناتىدا، خىتاينىڭ ئارزۇگۈل تۇرسۇننى دوختۇرخانىدىن قويۇۋېتىش قارارىنى مەدھىيىلىدى. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن ئارزۇگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ئۈستىدىكى ئەندىشىسىنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى، بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە كۆزىتىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا، تۇرسۇنجان ھەسەننىڭ ئەنە ئەشۇ تىرىشچانلىقلىرىدىن پەقەت پىر پارچىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز . بۇ، ئارزۇگۈل تۇرسۇن قويۇۋېتىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى ئۇ ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ۋەقەدۇر.
ئارزۇگۈل تۇرسۇن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن كىرىستوفېر سىمىت بىلەن جىئو پىتتس بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇلار باياناتىدا، خىتاينىڭ ئارزۇگۈل تۇرسۇننى دوختۇرخانىدىن قويۇۋېتىش قارارىنى مەدھىيىلىدى. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن ئارزۇگۈل تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتى ئۈستىدىكى ئەندىشىسىنىڭ تۈگىمىگەنلىكىنى، بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق تۈردە كۆزىتىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن يەنە، ئەگەر خىتايدا بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى تەكرارلانسا، ب د ت تەرىپىدىن خىتايغا بېرىلىۋاتقان نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ياردەم پۇلىنى توختىتىش قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇلىنىش: