خىتاي دائىرىلىرى رامىزان كېلىشى بىلەن مەكتەپلەردە قەبىھ 'سىناق' ئېلىپ بارماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010.08.11
2010.08.11
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺭﯦﺴﺘﻮﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺳﻮﺩﺍ ﻣﻪﺷﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo
يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، گەرچە ھازىر يازلىق تەتىل ۋاقتى بولسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ تۈردىكى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ مەكتەپلەردە يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى، ھەتتا رامىزاندا قەبىھ ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى سىناۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
نۆۋەتتە گەرچە مەكتەپلەر يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن پەيت بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۇدا ئەھۋال باشقىچە، كۇچا مائارىپ ئىدارىسىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا بىر يىل مەخسۇس تۈزەش، تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى ھۆججىتى ۋە مۇناسىپ پىلانى بويىچە، ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى كۈن مەكتەپكە يىغىلىپ دائىرىلەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغان سىياسىي ئۆگىنىشىگە قاتناشماقتا ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان، روزا تۇتىدىغان، ناماز ئوقۇيدىغان، قۇرئان ئۆگىنىدىغان، دىنىي تەلىم تەربىيىگە ئائىت كىتاب، مەتبەئە بۇيۇملىرىنى ساقلايدىغان، ھەتتا دىنىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ، ياغلىق ئاتىدىغان، ساقال، بۇرۇت قويىدىغانلارنى نازارەت قىلىش پاش قىلىش، زەربە بېرىش، تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىگە مەجبۇرلانماقتا.
كۇچا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىمى، دائىرىلەرنىڭ كۇچا مائارىپ ساھەسىدە دىنىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى پۈتۈن مەكتەپلەردە تەتىلدىمۇ توختاتماي ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتا بىر يىل مەخسۇس تۈزەش تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى بۇ سىياسىتى قانداق ئىجرا بولۇۋاتىدۇ ؟
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى مەزكۇر تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنىڭ ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ كۆرسىتىلىۋاتقان دائىرىدىن ئېشىپ، خىتاي قانۇنى ھەم ئاپتونوم قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن پۇقرالارنىڭ ئەقەللىي قانۇنلۇق دىنىي ئەركىنلىككە، ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
مەكتەپلەرگە قاراتقان تېلېفون زىيارىتىمىزدىن نۆۋەتتىكىدەك رامىزان مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە، يۈرۈش تۇرۇشىغا بولغان نازارەتنىڭ ئالاھىدە كۈچەيتىلگەنلىكى، ھەتتا روزا تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا قەستەن يېمەكلىك زورلاشتەك قەبىھ ۋاستىلارنى قوللىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.









