لېكىن دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردىن بېرى باستۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، سىنئالغۇ كاسسىتى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنى جازالاشنى كۈچەيتكەن. ئىگىلىشىمىزچە، دائىرىلەر غۇلجىدا بۇ خىل كىشىلەردىن ئىككى ئۇيغۇرنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر - ئىككى يىلدىن بېرى غۇلجا قاتارلىق جايلاردا سىياسى ۋە دىنى باستۇرۇش ئوبيېكتىنى كېڭەيتىپ، نىشانىنى مۇستەقىلچى ياكى ئۆكتىچى مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، سىنئالغۇ كاسسىتى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاراتقان. بۇنىڭدىن بۇرۇن غۇلجىدا ساقال، بۇرۇت قويغان بەزى دىندار ئۇيغۇرلارنىڭ خۇراپاتلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئاشكارىلانغان ئىدى. لېكىن دائىرىلەرنىڭ باستۇرۇش ئوبيېكتى ساقال، بۇرۇت قويۇپ، ئاتالمىش"خۇراپاتلىقنى تەرغىپ قىلغان" ئۇيغۇرلارنى جازالاش بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. بىز ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن غۇلجىدا يەنە ئايرىم - ئايرىم 6 يىللىق ۋە 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولمىغان سىنئالغۇ كاسسىتى كۆرۈش ۋە تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان غۇلجىلىق ئۇيغۇرلاردىن ئابابەكرى ئۆمەر ئۈرۈمچىدىكى بىر شەخسى چىنە - قاچا دۇكىنىدا خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۇ، 2007 - يىلى 10 - ئايدا تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، بىر يىلدىن كېيىن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ھازىر ئۈرۈمچى 3 - تۈرمىدە جازا مۇددىتىنىڭ توشۇشىنى كۈتۈپ ياتقان ئابابەكرىنىڭ "جىنايىتى" سىياسى مەزمۇنى ساغلام بولمىغان سىنئالغۇ كاسسىتى ساقلاشتۇر.
ئابابەكرىنىڭ دېلوسىدىن خەۋەردار غۇلجىلىق بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى ئابابەكرىنى كاسسېت سەۋەبىدىن جازالىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانداق كاسسىت ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس ئىكەن، ئۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابابەكرىنى "ھىزب - ئۇت تەقرىرچىلىك" بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرى پىكىر ئەركىنلىكىگە ياتىدىغان دېلولاردا قانۇننى مەجبۇرىي تەدبىقلاپ، ئۇيغۇرلارنى قەستەن ئېغىر جازالاش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. بۇ مەسىلە ھەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە تالاش - تارتىش قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، ئامېرىكا خىتاينى قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن.
بۇ يىل 30 ياشلاردىكى ئابابەكرى قولغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ تېخى يېڭى توي قىلىپ ئەمدىلا 2 ئاي تولغان "شېرىن ئاي"مەزگىلى ئىدى. ساقچىلار ئۇنى قولغا ئېلىش بىلەن قالماي، ئۇنىڭ ئايالىنى بۇلاقتاغدىكى ئاياللار تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ، 26 كۈن تۇتۇپ تۇرغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابابەكرىنى خىتاي جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىنىڭ قايسى ماددىسىغا سېلىپ جازالىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى خانىم، سوتنىڭ ھۆكۈمىدە ئۇنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ كونكرېت قايسى ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇدەك قانداق كونكرېت قىلمىش سادىر قىلغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
لېكىن، ئابابەكرى ئاتالمىش سىياسى مەزمۇنى ساغلام بولمىغان كاسسىتلارنى كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان غۇلجىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر ئەمەس. 2009 - يىلى قولغا ئېلىنىپ بۇ يىل 4 - ئايدا 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىمام سۇلايمان، ئاتالمىش يۇقىرىقى "جىنايەت" بىلەن جازالانغان غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىرىدۇر. 4 پەرزەنتلىك ئىمام سۇلايمان قاسساپچىلىق بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىدىغان غۇلجا كاسىپلىرىدىن ئىدى.
ئىمام سۇلايمان قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ غۇلجىدىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇيدىغان چوڭ قىزى مەكتەپتىن قالغان. بۇ يىل 16 ياشلاردىكى ئىككىنچى ئوغلى بولسا دادىسىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ 7 ياشلىق كىچىك ئوغلى بولسا، ھەر كۈنى دادىسىنى كۈتۈپ، كۈندىلىك تاپشۇرۇقى ۋە ئېمتىھان نەتىجىسىنى دادىسىغا كۆرسىتىشكە ئالدىرايدىكەن. ئىمام سۇلايماننىڭ دېلوسىدىن خەۋەردار بىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، دائىرىلەر ئۇنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى رەھبىرى ھەسەن مەخسۇمنىڭ سىنئالغۇ كاسسېتىسىنى كۆرگەنلىك سەۋەبى بىلەن قولغا ئېلىپ، "بۆلگۈنچىلىك قىلىش جىنايىتى" بىلەن ئەيىبلىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇرۇن ئاتالمىش مەزمۇنى ساغلام بولمىغان سىنئالغۇ كاسسىتى ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ئۇيغۇرلارنى جەرىمانە قويۇش ۋە مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىپ، ئىككى ئۈچ ھەپتىلىك سولاپ قوياتتى. لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كاسسېت كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلىشى دائىرىلەرنىڭ ۋىجدان ئەركىنلىكىگە ياتىدىغان ئادەتتىكى ئىش، ھەرىكەتلەرنى جىنايى ئىشلار جازا قانۇنىغا سېلىپ جازالاۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
گەرچە ئىمام سۇلايماننىڭ جازا مۇددىتى توشۇشقا بىر يىل ۋاقىت قالغان بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئۇنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرىقى خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىندا دائىرىلەر ئىمام سۇلايماننى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر تۈرمىگە يۆتكەپ كەتكەن. دائىرىلەر يۆتكەپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە خەۋەر قىلمىغان شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىكى قايسى تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ھازىرغىچە ئېيتىپ بەرمىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابابەكرى ئۆمەر ۋە ئىمام سۇلايمانلارنى كاسسېت كۆرگەنلىك سەۋەبىدىن جازالىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىكىر ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئەركىنلىكى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدىغان ئەڭ يېڭى ۋەقەلەرنىڭ يەنە بىرىدۇر، دەپ كۆرسەتتى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، رايونغا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.
دىلشات رىشىت يەنە، ھەر بىر شەخىسنىڭ ئۆزى خالىغان كاسسېتىنى كۆرۈشى بۇ خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە خىتاي قانۇنلىرىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ئادەتتىكى ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقتۇر دەيدۇ. ئۇ بۇ ھوقۇقنىڭ چەكلىنىپ، كىشىلەرنىڭ جىنايى جازاغا تارتىلىشى رايوندا زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.