تۈركىيىنىڭ 4-چوڭ شەھىرى ئادانادا خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ فېستىۋالغا قازاقىستان، بۇلغارىيە تۈركلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئالتاي، باشقۇرتىستان رايونلىرىدىن كەلگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى شۇنداقلا ئەزەربەيجان ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتناشماقتا.
ئادانانىڭ ئاتاتۈرك باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان «تۈرك مەدەنىيەتلىرى ۋەخپى» مۇدىرى ئەخمەت داغدۇران ئەپەندى، بۇ سەنئەت بايرىمىنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمىنى مەركىزى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە جايلاشقان تۈرك خەلقلىرى ۋەخپى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن فېستىۋالنى ئۇيۇشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئورقۇن ئۆزقالە ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ بۇ فېستىۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ سەنئەت بايرىمىنى مەركىزى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تۈرك خەلقلىرى مەدەنىيەتلىرى ۋەخپى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ فېستىۋالغا قازاقىستاندىن 170 كىشىلىك بىر سەنئەت ئۆمىكى كەلدى. بۇ ئۆمەكنىڭ ئىچىدە گرۇزىنلار، ئۆزبېكلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى سەنئەت بايرىمىمىزغا كۆپرەك قازاق سەنئەتچىلەر قاتناشماقتا. بۇلاردىن باشقا بۇلغارىيىدىن كەلگەن تۈركلەر، قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر، ئەزەربەيجان، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىن كەلگەن تۈركىي خەلقلەردىن سەنئەتچىلەرمۇ بار.
ئورقۇن ئۆزقالە ئەپەندى خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مەقسەت تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بايلىقلىرىنى چۈشىنىشى، بۇ ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ سەنئەت بايرىمىغا ‹تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىگە قۇچاق ئېچىشى› دەپ تېما قويدۇق.»
مەلۇمكى، ئادانا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن ئۆزبېكلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بىرى. ئادانادا تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى نامىدا بىر تەشكىلات پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا، بۇلار پۈتۈن پائالىيەتلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى فېستىۋالدا قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆك بايراق كۆتۈرەلمىگەن بولسىمۇ، پاراتتىن ئۆتكەندە تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى كۆك بايراق بىلەن ئۆتكەن.
تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى باشلىقى ھۈسەيىن بەردىلەك ئەپەندى خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمىنىڭ ئادانادا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«مۇنداق بايراملار بىزنىڭ بىر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلىتىمىزگە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تۈرك دۇنياسى بىرلىكىنى قۇرۇش كېرەكلىكى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنىڭ لازىملىقىنى ئاڭلىتىشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.»
ئۇ سۆزىدە تۈركىيىدە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ تېخىغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنىڭ بۇ كىشىلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈنگىچە بەزى كىشىلەر تۈرك دۇنياسىنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر. ھەيران قالىدىغان ئىش شۇكى، بۈگۈن پەلەستىن مەسىلىسىگە ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا ئۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. شۇڭا بىز بۇ خىل سەنئەت بايراملىرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەردىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ مەقسىتىمىز مانا شۇ، بىز ئۆزبېك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز دەپ ئايرىمايمىز. بىز ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مىللەت، شۇڭا بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ‹تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى› دەپ قويدۇق.»
ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغىلى 20 يىل بولدى. بۇ 20 يىلدىن بېرى تۈركىيىدە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە كۆپ ساندا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، قۇرۇلتاي، سەنئەت بايراملىرىغا ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالمىغان بولسىمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە مۇستەقىل ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەنلەرگە ئوخشاشلا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتناشماقتا.