«ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار» ناخشىسىنى كىم ئىجاد قىلغان؟

مەرھۇم ناخشىچى مىرزات ئالىم ئىجراسىدىكى «ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار» ناخشىسى ئاتا-ئانىسىدىن تىرىك تۇرۇپ ئايرىلغان يېتىم بالىلارنىڭ يۈرەك ساداسى، بەختلىك ئائىلىسى بۇزۇلغان ئەر-ئاياللارنىڭ قەلب نىداسى سۈپىتىدە 20 يىللاردىن بىرى سەھنىدىن-سەھنىگە، ئېكراندىن-ئېكرانغا كۆچۈپ، تالاي ناخشىچىلارنىڭ ئېغىزىدا ۋايىغا يېتىپ ئورۇندىلىپ كەلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013.01.15
Kuresh-kosen-rfada-305 ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ﻣﻪﺭﻫﯘﻡ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻛﯚﺳﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺩﺋﻮﻣﯩﺰﻧﻰ 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 4 - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo

ئەمما بۇ ناخشىنى كىم قانداق شەكىلدە ئېيتمىسۇن، بۇ ناخشا ناخشىنى سەھنىگە تۇنجى قېتىم ئېلىپ چىققان ناخشىچى مىرزات ئالىمنىڭ نامى بىلەن باغلىنىپ «مىرزات ئالىمنىڭ ناخشىسى» دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. تارىختىن بۇيان ناخشىلارنىڭ لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئىجادچىسىنىڭ كىملىكى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈنكى كۈندىمۇ «ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار» دېگەن بۇ ناخشىنى مەيلى ئۇيغۇر ئېلى ، مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن، سەھنە، ئېكرانلاردا خەلق ناخشىسى سۈپىتىدە نام-نىشانسىز ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا بۇ ناخشىنىڭ ئىجادچىسى كىم؟

كۈرەش كۈسەننىڭ سىڭلىسى مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ناخشىنى ئاكىسى كۈرەش كۈسەن 1988-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئاكىسىنىڭ بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىشىنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىكەن.

كۈرەش كۈسەن ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئارىسىدا تونۇلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر ناخشىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىجاد قىلغان بىر قىسىم ناخشىلار ئەل ئارىسىدا نام-نىشانسىز ئېيتىلىپ كەلمەكتە، بەزى ناخشىلىرىنىڭ تېكىستى باشقا مۇزىكىلارغا سېلىنسا، بەزى ئاھاڭلىرىغا باشقا تېكىست سېلىپ ئورۇندالماقتا. مەسىلەن «ئاداش»، «سۆيىمەن»، «ئانامغا خەت»، «ياشىسام دەيمەن»، «سۆزۈم بار» ۋە باشقىلار.

كۈرەش كۈسەن ۋە مىرزات ئالىم ھايات ۋاقىتلىرىدا خىزمەتداش ھەم ياخشى دوست سەنئەتكارلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ناخشا ئورۇنداش ماھارىتىدە ۋە ئاھاڭلارنىڭ مېلودىيىسىدىكى پۇراقلارنى چىقىرىشتىمۇ زور ئوخشاشلىقلار بار ئىدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە ئۆلۈمىمۇ ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولدى. ئۇلارنىڭ ئۆلۈملىرى يېشىلمەس سىرلاش ئىچىدە قالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.