ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى (1)

ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل تۈردە دىققىتىنى چېكىپ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

يەرلىك تەشكىلاتلار بۇ ئىشنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتقان، ھەر قايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىدا دائىم تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ۋە شەخسلەر ئارا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئانا تىلنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقى ھەم ھاياتى كۈچىنى مىللەتنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كېلەچىكىگە باغلىق ھالدا ساقلاپ قېلىش تەخىرسىز بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان ھازىرقى كۈندە، پەرزەنتلەرنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋاملاشتۇرۇش زادى كىمنىڭ مەجبۇرىيىتى؟ ئانا تىل ھەققىدىكى چاقىرىق پەقەت شوئار سۈپىتىدىلا قېلىشى كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىجراسى بولۇشى كېرەكمۇ؟

بۇ مەسىلە ھەققىدە نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گۈلنار خانىم سۆزىدە بالىلارغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇ قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى، ئانا تىلنىڭ تارىخى جەريانى ۋە كەلگۈسى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.