قازاقىستاندىكى ئارزۇ ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىدىن

ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 60-، 70-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت، ئۇيغۇر، چېلەك، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىرىدە شۇنداقلا ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلاردا سەنئەت ئۆمەكلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى.

0:00 / 0:00

كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۇلار ئۆز سېپىگە ياش سەنئەتكارلارنى توپلاپ، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا بىباھا ھەسسە قوشقان. شۇلارنىڭ بىرى بولغان ئارزۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ نامى پەقەت ئۇيغۇر ناھىيىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ۋىلايەت، جۇمھۇرىيەت بويىچىمۇ داڭ چىقارغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا چەتئەللەردە ئۆتكۈزۈلگەن بەزى سەنئەت كۆرەكلىرىنىڭمۇ غالىبى ئاتالغان.

مەزكۇر ئۆمەكنىڭ تىكلىنىشىگە ھەم تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ ئاتاقلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى سۇلتانمۇرات رەزەموف، ئازاد بۇرھانوف شۇنداقلا يېزا ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى، زىيالىيلار ھەم مىللەت جانكۆيەرلىرى ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.

قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ باش دىرىژورى، ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى خىزمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ پەخرى پۇقراسى ئاتىقىغا ۋە جۇمھۇرىيەت مىقياسىدىكى «ئىلھام» مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان ئازاد بۇرھانوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئارزۇ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ۋە ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختالدى.