`ئازغۇن ھېسلار` ناملىق روماننىڭ ئۇيغۇرچىسى نەشردىن چىقتى

تۈركىيىدىكى تونۇلغان يازغۇچىلاردىن بىرى سىەبىھ ئاتەش ئالپات خانىم يازغان `ئازغۇن ھېسلار` ناملىق روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىستانبۇل تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. 176 بەتلىك بۇ روماندا بىر بوۋاينىڭ ئىككى ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى ئارىسىدىكى دىنىي توقۇنۇشلار بايان قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.11.06
Azghun-hislar-roman-kitap-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻝ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯩﻪﺑﯩﻬ ﺋﺎﺗﻪﺵ ﺋﺎﻟﭙﺎﺕ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ `ﺋﺎﺯﻏﯘﻥ ﻫﯧﺴﻼﺭ` ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ روماننىڭ ئوقۇرمەن ئوبېكتى ياش ئۆسمۈرلەر بولۇپ، رومان ياش ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيىلەش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. تونۇلغان يازغۇچى سىەبىھ ئاتەش ئالپات خانىم يازغان `ئازغۇن ھېسلار` ناملىق بۇ روماننى دىلدار خانىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رومان دىنىي تەلىم تەربىيە ئەركىنلىكى بولمىغان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ باستۇرغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ، 1980 - يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدا 100دىن ئارتۇق رومان نەشر قىلىنغانلىقىنى بۇ رومانلارنىڭ كۆپىگە دىنسىزلىك ۋە كوممۇنىست ئىدىيىسىنىڭ سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ روماننىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھىم تەربىيىۋىي رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ روماننىڭ تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان تۇنجى رومان بولۇش ئالاھىدىلىكىگىمۇ ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ئەسەر ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان دىلدار خانىم ۋە تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.