باتۇرلار ناملىق تارىخىي كىتاپ نەشىردىن چىقتى

تۈركىيە يازغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلەپ كىتاپ يېزىپ نەشىر قىلىشقا باشلىدى. 2008 ‏ - يىلى ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە سىياسى ۋەزىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ نەشىر قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009.02.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Baturlar-kitap-305 2009‏ - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﻘﻪﺭﻩ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﯨﻜﺎﻥ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ "ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Arslan

2009‏ - يىلى يانۋار ئېيىدا "باتۇرلار" ناملىق تارىخىي كىتاپ تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى يەرىكان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابقا "شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇجادىلە تارىخىي"دەپ قوشۇمچە نام بېرىلگەن.

بۇ كىتاپ ئەسلىدە ئۇيغۇر يازغۇچى پۇلات قادىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان"ئۆلكە تارىخىي"دېگەن كىتابنىڭ تۈركچە تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتابنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى ئىلمىي تەتقىقات خادىمى ئۆمەر قۇل ئەپەندى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.

بۇ كىتاپ بىر مۇقەددىمە، بەش بۆلۈم بولۇپ، ھەر بىر بۆلىمى 10 نەچچە تېمىدىن تەركىپ تاپقان ، بىرىنچى بۆلۈمى تۈركلەرنىڭ ئىپتىدائىي تارىخى، تارىختا قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى، ھون، كۆكتۈرك، ئۇيغۇر، قاراخانىيلار دەۋرلىرىدە قۇرۇلغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەققىدە تارىخىي ئۇقۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئىككىنچى بۆلۈمى بولسا، قۇمۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۇرپان، ئۈرۈمچى، قاراشەھەر، توقسۇن، كۇچار، قەشقەر، خوتەن، گۇما، قاغىلىق قاتارلىق شەھەرلەردە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇش، قوزغىلاڭلار ۋە ئۇ دەۋىردە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەر ھەققىدە توختىتىلغان.

ئۈچىنچى بۆلۈمى، شىڭشىسەي دەۋرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، شېڭشىسەينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى، خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرى شۇنداقلا شىڭشىسەي، ماجۇڭيىڭ ۋە خوجىنىياز ھاجىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تۆتىنچى بۆلۈمىدە ، ئالتاي، غۇلجا ۋە ئىلى رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، 1944 ‏ - يىلى غۇلجىدا ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدا "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى"نىڭ قۇرۇلۇشى ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مەمتىمىن بۇغرا، مەسئۇت سابىرى قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىلەرنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالغان.

بەشىنچى بۆلۈمى، ھونلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇر خاقانلىقى ۋە قاراخانىيلار دۆلەتلىرى بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، مانجۇ ۋە خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلاسى قىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن تاكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تەرجىمان كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى مۇنداق باشلىغان، "تارىختا ھېچبىر كەچۈرمىشى بولمىغان، دۇنيادا مەدەنىيەت بەرپا قىلغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالمىغان، مىللەت بولۇش تۇيغۇسىدىن يىراق قالغان نۇرغۇن ئاسىيا ۋە ئافرىقا خەلقى ، ھۆرىيەت بايراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، تارىختا ئەڭ كۆپ تونۇلغان خەلقلەردىن بىرى ھېسابلانغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىرمۇ ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇزلار ئارىسىدا قالغان بېلىقلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقان ھۆر دۇنيانىڭ ئىگىلىرى ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتقان، ئەركىنلىك ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقان، كۆز ياشلىرى قان بولۇپ ئېقىۋاتقان خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق تېراگىدىيىلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق بىر قەدەم بېسىشتىن باش تارتىپ كەلمەكتە."

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە يەنە مۇنداق يېزىلغان: "1976 ‏ - يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرگەن مانجۇ ئىشغالىيەتچى كۈچلىرى ئىلى ۋىلايىتى قاتارلىق شەھەرلەردە كىچىك بالا، ئەر ‏ - ئايال، ئاقساقال دېمەستىن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننى قەتلى قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈز مىڭلارچە كىشىنى سۈرگۈن قىلغان. تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغاندىن بىرى ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاپ كەلگەن تۈرك مىللىتى ھېچ قاچان زۇلۇمغا باش ئەگكەن ئەمەس، زۇلۇمغا باش ئېگىشنى بىر خارلىق ۋە پەسكەشلىك دەپ بىلىپ كەلگەن تۈركلەر ئەسىر ھالەتتە ياشاشتىن ، ئۇرۇش قىلىپ، شەرەپ بىلەن ئۆلۈش يولىنى داۋاملىق ئۆزلىرىگە ئىختىيار قىلىپ كەلگەن. خاراكتېرلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىمۇ مانجۇ ئىستىلاسى دەۋرىدە، نۇرغۇن قېتىم قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان، كۆپىنچىسى قانلىق ھالدا ۋەھشىيانە باستۇرۇلغان بولسىمۇ بۇ ھەرىكەتلەردىن نەتىجە كۆرۈلگەن ۋە 1863 ‏ - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئازات قىلىنىپ، 14 يىل داۋام قىلغان مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلغان."

216 بەتلىك بۇ كىتابنىڭ كۆپۈنچە يەرلىرىدە ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا تۈرك ئاتالغۇسى قوللىنىلغان.

بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن تارىخىي قىممەتكە ئىگە، چۈنكى بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى مەرھۇم پۇلات قادىرى قۇمۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئۆزى بىۋاستە شاھىد بولغان، ئۇنىڭ 1944 ‏ - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى" نىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرەنىڭ باش كاتىپى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ كىتاپ ئۇيغۇرلارنىڭ 20 ‏ - ئەسىردىكى تارىخلىرىنى بولۇپمۇ 1930 ‏ - يىلدىن 1949 ‏ - يىللار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى، ئۇ يىللار ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تارىخلىرىنى ئۆگىنىشتە ئىشەنچىلىك تارىخىي مەنبە بولالايدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.