بۇ چوڭ مەشرەپكە يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، قاتناشقانلار 18 ياشتىن يۇقىرى يىگىتلەردىن تەركىب تاپقان.
بۇ مەشرەپكە گوللاندىيىدىنمۇ ئونغا يېقىن كىشى قاتناشقان. مەشرەپ قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكەن. بۇ مەشرەپنى ئۇيۇشتۇرغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىمەروف ئابدۇلمۇتەللىپ رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ مەشرەپنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تىلىنى ۋە سەنئىتىنى قوغداپ قېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بېلگىيىدە باشلانغان بۇ مەشرەپنىڭ بېلگىيىدە چوڭ بولۇۋاتقان ياشلارغا ناھايىتى ياخشى تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ مەشرەپكە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى مەمەت توختى ئەپەندى ياۋروپادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنىڭ غۇلجا ۋەقەسى تۈپەيلى مەشرەپنى بىلىدىغانلىقى ياكى ئاڭلاپ باققانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن مەشرەپنى سىرتقا ئېچىشى، خەلقئاراغا ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. مەمەت توختى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە مەشرەپنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.