بېشكەكتىكى ئۇيغۇرلار دولان ئانسامبىلىنىڭ ئويۇنىنى كۆردى

بۈگۈن 1‏-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دولان ناخشا -ئۇسۇل‏ ئانسامبىلى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا ئويۇن قويدى. مەزكۇر پائالىيەت، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي-قىرغىزىستان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى قاتارىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەزى دۆلەتلەرگە ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. دولان ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلىنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرگەن بېشكەكلىك بەزى ئۇيغۇر تاماشىبىنلار پائالىيەتكە ئىجابىي باھا بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئېزىلمەي، شاد-خۇرام ياشىشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.