شۋېتسىيە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى

دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى شۋېتسىيىدە بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى مۇنبىرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار بۆلۈمىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا گېرمانىيىدە قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسى بولۇپ، مۇنبەرنىڭ خىزمەت تەرتىپى بويىچە ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيەتنى شۋېتسىيىدىكى ياشلارنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ستوكھولىمدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان ئىدى.

پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ستوكھولىمغا توپلاندى. 8-كۈنى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇنبەرنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى ئارىسىدا بىر قېتىملىق دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى خىزمەت پىلانى مۇزاكىرە قىلىندى.

dunya-uyghur-yashliri-munbiri-ikkinchi-paaliyet3-385.jpg
دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى مۇنبىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 7-ئاپرېل، شۋېتسىيە. (RFA/Yalqun)

يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى غەيۇر قۇربان رىياسەتچىلىك قىلدى. پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بېلگىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئورنى گوللاندىيە قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى، مۇسابىقە نامى، مۇسابىقىنىڭ مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كوماندىلارنىڭ ياتاق، تاماق، ئارقا سەپ خىزمەتلىرى ۋە كېرەكلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەر كونكرېت مۇزاكىرە قىلىندى.

مۇزاكىرە داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. مۇزاكىرىگە ئاساسەن مۇسابىقە ۋاقتى 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە قىلىپ بەلگىلەندى.

مۇسابىقە نامى «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى رابىيە قادىر لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» قىلىپ بېكىتىلدى.

كەچتە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ياشلار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياشلار ئارا دوستلۇق ۋە مېھىر يەتكۈزۈش مەقسەت قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.

پائالىيەت ناھايىتى جانلىق ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئورۇنلىشى بىلەن ناخشا-ئۇسۇلنى ئاساس قىلغان سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

پائالىيەت داۋامىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ياشلار ۋەكىللىرى سۆزگە چىققاندىن سىرت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتكە ئەۋەتكەن تەبرىك ۋە ئۈمىد خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

پائالىيەت كەچ سائەت 4 تە باشلىنىپ تاكى سائەت 12 گىچە داۋاملاشتى.