ئوبزوردا تۈركچىنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇندىن 1000 يىل بۇرۇنلا ئىلىم تىلى سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكى يېزىلغان. ئۇ ئوبزورىدا تۈرك تىلىنىڭ يېزىق تارىخى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-تۈرك تىلىدىكى تۇنجى تېكىست 8-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېزىلغان «كۆكتۈرك مەڭگۈ تېشى». «كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى» 732-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بىلگە خاقان تەرىپىدىن، «بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى» بولسا 735-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئوغلى تەڭرى خاقان تەرىپىدىن ياسىتىلغان. بۇ ئىككى مەڭگۈ تاش بۈگۈن موڭغۇلىيىدىكى ئورخۇن دەرياسى بويىدا. «تۇنيوقۇق مەڭگۈ تېشى» نى ئۆزى 725-726-يىللىرىدا ياساتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ مەڭگۈ تاش بۈگۈنكى موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتورنىڭ يېنىدا. كۆكتۈرك مەڭگۈ تېشى دېگەن ۋاقتىمىزدا بۇلارنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۈچ مەڭگۈ تاشقا يېزىلغان تېكىست جەمئىي 30-35 بەت ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ مەڭگۈ تاشلارنى ياساتقانلار، بۇ تاشلارغا «بەڭگۈ تاش» دەپ ئىسىم بەرگەن. «بەڭگۈ تاش» سۆزىنىڭ مەنىسى «مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان تاش» دېگەن گەپ. كۆكتۈركلەردىن قالغان باشقا مەڭگۈ تاشلارمۇ بار. بۇلاردىن بىرى 719-720-يىللىرىدا ياسالغان «ئىشبارا تامگان تارقان مەڭگۈ تېشى»، يەنە بىرى بولسا 723-725-يىللىرى ياسالغان «كۆلىچور مەڭگۈ تېشى». 6 قۇر خەتتىن تەركىب تاپقان بۇ مەڭگۈ تاش 687-692 يىللىرىدا ياسالغان ئەڭ قەدىمى مەڭگۈ تاش ھېسابلىنىدۇ.
پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «يەنە تۈركچە توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى مۇنداق داۋام قىلىدۇ:
-بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن مەڭگۈ تاشلاردىكى خەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆكتۈرك يېزىقى بىلەن يېزىلغان. كۆكتۈرك يېزىقى تۈركلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان مىللىي يېزىقتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى خاقانى مويۇن چورمۇ 750-760-يىللىرىدا ئۆزىنىڭ نامىدا مەڭگۈ تاش ياساتقان. مەڭگۈ تاش تىكىلگەن يەرگە قاراپ تۇرۇپ بۇ مەڭگۈ تاشلارغا شىنە ئۇسۇ، تاريات ۋە تەس قاتارلىق ئىسىملار بېرىلگەن. بۇ تاشلارمۇ ھازىرقى موڭغۇلىيە.
پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «يەنە تۈركچە توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-ئۇيغۇرلار 840-يىلىدا ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ئويمانلىقىغا يەنى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلدى. كۆكتۈرك يېزىقىنى شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئىشلەتتى. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن كۆكتۈرك يېزىقى. ئۇيغۇر يېزىقى شەرقىي ئىران قوۋمى بولغان سوغدى يېزىقىدىن پايدىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان يېزىق. بۇ يېزىق تۈركىي قوۋملەر تەرىپىدىن يۈز يىللارچە قوللىنىلدى. ئۇيغۇرلار 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە ئۇيغۇر يېزىقىدا كۈرمىڭلىغان ئەسەر قالدۇردى. ئالدى بىلەن مانى، كېيىن بۇددا دىنىغا كىرگەن ئۇيغۇرلار بۇ دىنغا ئائىت نۇرغۇن ئەسەر يېزىپ قالدۇردى. بۇددا دىنى نۇرغۇنلىغان ئابستراكت ئۇقۇملارغا ئىگە بىر دىن. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرچە ئابستراكت پەلسەپىۋى ئۇقۇملارنى ئىپادىلىيەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەن. ئۇيغۇرلاردىن قالغان دىنى بولمىغان كۆپ ساندا ئەسەرلەرمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن 930-يىلىدا يېزىلغان ئىرق بىتىگ. بۇ بىر پال كىتابى بولۇپ كۆكتۈرك يېزىقى بىلەن يېزىلغان. بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان يۈزلىگەن قانۇن توغرىسىدىكى يازمىلار، خەت-چەكلەرمۇ بار.
پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇننىڭ يېڭى چاغ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «يەنە تۈركچە توغرىسىدا » ماۋزۇلۇق ئوبزورىدا تۈركلەرنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك مەزگىلى بولغان قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىي رايونلىرىدا ياشاۋاتقان مەزگىلدە، قاراخانىيلار دۆلىتى قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ھالدا كېڭەيدى. قاراخانىيلار 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇسۇلمان بولدى. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە قاراخانىيلار دۆلىتى غەربىي تۈركىستانغىمۇ ھاكىم بولۇپ، ئۇ دەۋردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىردى. قاراخانىيلار دۆلىتى تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرى بولغاچقا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى. بىرىنچى مىڭ يىل ئاخىرلىشىپ 2-مىڭ يىلغا قەدەم قويغان ئۇ يىللاردا تۈركىي خەلقلەرنىڭ 70% مۇسۇلمان بولدى. قاراخانىيلار دۆلىتى دەسلەپتە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتتى. 1074-يىلىدا مەخمۇت قەشقىرى تۈركلەرنىڭ يېزىقى دەپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى كۆرسەتكەن. مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا 12-ئەسىردىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئىشلىتىلىشكە باشلانغان.
پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە يېزىلغان مۇھىم ئەسەرلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
-قاراخانىيلار دۆلىتى مەزگىلىدە يېزىلغان ئىككى ئەسەر بەكلا مۇھىم. بۇلاردىن بىرى 1069-يىلىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن يېزىلغان «قۇتاتقۇ بىلىك». بۇ ئەسەر 6645 بېيىتتىن تەركىب تاپقان سىياسەت كىتابى. كىتابتا دۆلەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، سىياسەتچى ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرچىنىڭ بىر بىلىم تىلى سەۋىيىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئىككىنچى بىر مۇھىم ئەسەر مەخمۇت قەشقىرىنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى، بۇ تۈركچە ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى لۇغەت ھېسابلىنىدۇ. لۇغەتتە 8000 سۆز-ئىبارە ئەرەبچە ئىزاھلانغان. ئەسەردە كۆپ ساندا ماقال-تەمسىل ۋە شېئىرلار قوشاقلار، ئۆرپ-ئادەت، رىۋايەت، ئويۇن ۋە يېمەك-ئىچمەكلەر ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ قامۇس خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بىر ئەسەر.