مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپات بولغانلىقىغا 13 يىل بولدى

12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بۈيۈك سىياسىيون، دۆلەت ئەربابى، پىداكار مۇجادىلىچى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 13 - يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئەيسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ چوڭ ھەجىملىك `ئەسىر شەرقىي تۈركىستان 2' ناملىق ئەسلىمە ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىنى نەشر قىلدۇرغاندىن باشقا، بۇ كىتابنىڭ ئۈچىنچى تومىنى يېزىپ نەشرىياتقا تاپشۇرغان. شۇنداقلا بىرىنچى تومىنى قايتا نەشرگە تەييارلىغان. بۇ ئىككى كىتاب يېقىندا نەشردىن چىقماقچى.

دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۆمەر قۇل ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، 94 يىللىق ھاياتىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى ۋە ئىنسانىي ھەق - ھوقۇقلىرى يولىدىكى كۈرەشكە سەرپ قىلغان ئەيسا ئەپەندىنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا ياندۇرغان ئىستىقلال مەشئەلنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆچۈرمەي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنى بۈگۈنگە قەدەر ئۇلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللى مۇجادىلىسنىڭ ئەبەدىيلىكى ئۈچۈن بۈيۈك تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئۇ يالغۇز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىپتىخارى ۋە غۇرۇرىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1925 - يىللىرى ئۆزىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرىيىتىگە ئاتىغان ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، 1995 - يىلى 17 - دېكابىر كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقىچە بولغان ئۇزۇن بىر زاماندا، تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە غەرب دۇنياسىدا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاساس سالغان ۋە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ۋەتەنپەرۋەر بىر زات. بولۇپمۇ تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەن پۈتۈنلۈشىپ كەتكەن بولۇپ ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى بىلمەيدىغان كىشى يوق، ئۇ تامامەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ قالغان.

بىز ئەيسا يۇسۇف ئالپتېكىننىڭ ۋاپاتىنىڭ 13يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ 3 توملۇق ئەسلىمىسىنى نەشىرگە تەييارلىغان دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.