كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش كېسىلى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى

مەسچىتى ھەرەمنىڭ ئىمامى ئەللامە ئابدۇللا خەييات نۆۋەتتىكى جۈمە خۇتبىسىدە «سۇخەنچىلىك ۋە گەپ توشۇش كېسىلىنىڭ خەتىرى » دېگەن ماۋزۇدا خۇتبە سۆزلىدى.

0:00 / 0:00

گەپ توشۇش ئەڭ ئېغىر كېسەل

ئەللامە ئابدۇللا خەييات مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك جامائەت، بىز توختالماقچى بولغان كېسەل ئېغىر كېسەل بولۇپلا قالماستىن، كېسەللەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭدىن ئېغىرراقى بولمىسا كېرەك. بۇ كېسەل مىڭلىغان قەلبلەرنى قانغا پۇچىلىغان، نەچچىلىگەن ئائىلىنى ۋەيران قىلغان، ئۆيلەرنى يىقىتقان، فىتنىلەرنى قوزغىغان، ئالاقىلەرنى بۇزغان، يارىشىش-سۈلھىگە ئورۇن قويمىغان كېسەل بولۇپ، سۇخەنچىلىك، گەپ توشۇش كېسىلىدۇر. سۇخەنچىلىك كېسىلى ئىنسانلاردا بىر-بىرىگە بولغان چىدىماسلىق، ئاداۋەت ۋە خۇسۇمەت ئوتىنى قوزغايدىغان رەزىل كېسەلدۇر. سۇخەنچىلىك بولسا، كىشىلەر ئوتتۇرىدا بىرىنىڭ گېپىنى بىرىگە ئاداۋەت پەيدا قىلىش مەقسىتىدە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت. سۇخەنچى ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئەمەسلىكى، ئىچى باشقا، تېشى باشقا ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. سۇخەنچى دېگەن تەبىئىتى پەس، شەكلى گۈزەل، ھەيئىتى كۆركەم، لېكىن ئۆزىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ. مېلى كۆپ،مەنسىپى يۇقىرى بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمىتى يوق. باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي كۆز قىسىدۇ، كۆز ئىشارىتى ئارقىلىق ھاقارەت قىلىدۇ. سۇخەنچى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان ئېھسان ئىگىسى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ياخشىلىق قىلىدىغانلارنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. گەپ توشۇيدىغان سۇخەنچى ئۆزىنى ھارامدىن تارتمايدۇ، كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا تەبىئىي بولماستىن سۈنئىيلىكنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان، ئىككى يۈزلىمە بولۇپ، بىرىنىڭ قېشىغا كەلسە بىر يۈزى بىلەن، يەنە بىرىنىڭ قېشىغا بارغاندا يەنە بىر يۈزى بىلەن بارىدۇ. سۇخەنچىنىڭ دوستلىرى ناچار، ئەخلاقسىز كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سورۇنلىرى غەيۋەت-شىكايەت، باشقىلارنىڭ ئابرۇي-شەرەپلىرىنى تۆكۈش بىلەن تولغان. سۇخەنچى داۋاملىق ئۆزىنى ئۇنتۇپ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەيدۇ، بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسە كۆرمەسكە سالىدۇ، يامانلىقىنى كۆرسە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي سۆزلەيدۇ. سۇخەنچىلىككە ئامال تاپالمىسا يالغانچىلىق ئېتىغا مىنىدۇ-دە، نىشان ئوبيېكتى قىلغان كىشىنىڭ ئۈستىدىن يالغانلارنى توقۇشقا باشلايدۇ سۇخەنچىنىڭ تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، ئۆزىنىڭ شەرىپى، ئىناۋىتىنى ساقلاشنى بىلمەيدۇ. باشقىلار بىر يىلدا بۇزالمىغاننى بىر سائەتتە بۇزالايدۇ.»

گەپ توشۇپ كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزغۇچىلار جەننەتكە كىرمەيدۇ

ئەللامە ئابدۇراھمان سۇدەيس يەنە مۇنداق دېدى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: ‹سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ› دېگەن. ئۇ يەنە بىر ھەدىستە: ‹ئىنسانلارنىڭ يامىنى سۇخەنچىلىك قىلىدىغانلاردۇر، ئۇلار دوستلارنى ئايرىۋېتىدۇ، ئارىلىقىنى بۇزىدۇ، بىگۇناھ كىشىلەرگە تۆھمەت قىلىدۇ› دەپ كۆرسەتكەن. سۇخەنچىلىك ئىنساننى يالغانچىلىققا ئېلىپ بارىدۇ، يالغانچىلىق خارلىققا ئېلىپ بارىدۇ. سۇخەنچىلىك سۆز ئارقىلىق، ئىما-ئىشارەت ئارقىلىق بولۇپ، ئىنسانلار ئوتتۇرىدىكى قېرىنداشلىق، مۇھەببەت رىشتىسىنى بۇزىدىغان ئىللەتتۇر. سۇخەنچىلىك شۇنداق ئېغىر كېسەلكى، كۆپلىگەن ئائىلە، ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئوتتۇرىنى بۇزۇپ ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. سۇخەنچىلىك دوست-بۇرادەرلەر، ئائىلە تاۋاباتلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئوتتۇرىدىمۇ يۈز بېرىدۇ. بىز ياشاۋاتقان زامان ئۇچۇر زامانى بولۇپ، توردىن ئىبارەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ گەپ توشۇش، سۇخەنچىلىككە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. خەلق ئاممىسى يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىقى كېرەك. ھەقىقىي مۇسۇلمان دىللارنى بۆلگۈچى ئەمەس، بىرلەشتۈرگۈچى بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ ھەقىقىي دوست- قېرىندىشىڭىز سىزنى يوق يېرىڭىزدە مۇداپىئە قىلىدۇ، شەرىپىڭىزنى ساقلايدۇ، ئابرۇيىڭىزغا داغ تەگكۈزمەيدۇ، غەيۋىتىڭىزنى قىلمايدۇ. كىمكى، سىزگە باشقىلارنىڭ سىزنى سۆككەنلىكىنى يەتكۈزسە، ئۇ كىشى سىزنى سۆككەن، سىزگە ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. سىز داۋاملىق كۆكسىڭىز كەڭ، كەچۈرۈمچان، ئەپۇچان بولۇڭ. باشقىلارغا قەلبىڭىزدە ئاداۋەت، ھەسەتكە ئورۇن بەرمەڭ».