غۇلجا چاقچاقلىرى ۋە مەشرەپنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتىكى رولى
2012.03.15
غۇلجا چاقچاقلىرى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيىتى، ئېيتىش شەكلى، مەزمۇنى جەھەتتىن ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر خەلق ئەدەبىياتى ژانىرىدۇر. غۇلجا چاقچاقلىرى ئۇزۇن تارىخىي مەزگىل ئىچىدە بەدىيىلىشىپ مەشرەپ تۈسىنى ئېلىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى يازغان «غۇلجا چاقچاقلىرى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، غۇلجا چاقچاقلىرى ئۇزۇن تارىختىن بېرى ئىككىلىك تۇتۇشۇش، بىر-بىرى بىلەن تۇتۇشۇش ۋە يالغۇز لەتىپە ئېيتىش قاتارلىق شەكىللەردە داۋاملىشىپ، 1987-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا غۇلجا چاقچاقلىرى پەقەت توي-تۆكۈن، مەشرەپ ۋە ئولتۇرۇشلاردىلا ئېيتىلىپ كەلگەن بولسا، 1987-يىلىدىن تارتىپ سەھنىلەشتۈرۈلگەن.
مەمتىمىن ھوشۇر ماقالىسىدە غۇلجا چاقچاقلىرىنى تۇنجى بولۇپ سەھنىگە ئېلىپ چىققان كىشىنىڭ ئابلىمىت تۇرسۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ماقالىسىدىن يەنە غۇلجا چاقچاقلىرى ۋە مەشرەپنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتىكى رولى ھەققىدىمۇ توختالغان. بىز غۇلجا چاقچاقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشتىكى رولى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ھازىر گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابلىمىت تۇرسۇن بۇ ھەقتە بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا غۇلجا چاقچاقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر سەنئەت تۈرى ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەشتىمۇ ئىنتايىن زور رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى، غۇلجا چاقچاقلىرىنىڭ پەقەت ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى چوڭقۇر ئويغا سېلىشتەك ئالاھىدە بىر خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.