ئىشەنچلىك ئايەت-ھەدىسلەرگە ئاساسەن قىممىتى مىڭ ئايلىق ئىبادەتتىن ئارتۇق بولغان قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتىنى ئىزدەپ بىر يەرگە توپلانغان گوللاندىيىدىكى 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلار گوللاندىيىنىڭ ھارلېم شەھىرىدىكى فاتىخ مەسچىتىدە ئىبادەت بىلەن تاڭ ئاتقۇزدى.
كۆپچىلىك ناماز، دۇئا، تىلاۋەت، تەبلىغ ۋە مۇنازىرە بىلەن باشتىن-ئاخىرى قىزغىن كەيپىياتقا، چوڭقۇر ئىخلاس ۋە ئارزۇ-ئىشتىياققا تولغان قەلبلەردىن ۋەتەن ئىچى-سىرتىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارغا سالام يوللىدى. مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان ئانا ۋەتىنىگە مۇستەقىللىق، ئەزىز خەلقىگە خاتىرجەملىك ۋە ئەركىنلىكلەر تىلىدى. شۇ قاتاردا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىمۇ ياد ئەتتى.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا: يىلدا بىر كېلىدىغان، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۆمۈر بويى قولدىن بېرىشنى خالىمايدىغان، رەببىنى ئىزدىگەن ئىخلاسمەنلەر ئۈچۈن پۇرسەت دېيىلىدىغان بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتىدىن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ نېسىۋىدار بولدى. دىنىي زىيالىيلاردىن تۇرغۇن ھاجىم ئۆز تۇيغۇسىنى ئاڭلاتتى. ھۈسەنجان قارىممۇ قەدىر كېچىسى ھەققىدە توختالدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەسىلىسى فاتىخ مەسچىتىنىڭ يېنىدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر يېمەكلىرى ئوردىسى ناملىق ئاشخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.