0:00 / 0:00
مەزكۇر پائالىيەتتە، ئۇيغۇر پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى مىللىي كىملىكى، مىللىي خاسلىقى ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە دەردىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
ئۇلار پائالىيەت جەريانىدا يەنە، گوللاندىيىلىك بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ، كۆرگەن - بىلگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان ئاخبارات خاتىرىسىنى ئاڭلىتىپلا قالماي، مۇڭلۇق تەمبۈرنىڭ دەردلىك كۈيلىرى بىلەن مەيدان ئەھلىنى ھاياجانغا سالدى.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەنئەنىۋى كىيىم كىيگەن بىر ئۇيغۇر قىزى بۇ يەرگە توپلانغان مىللەتلەر قاتارىدا بىر تال گۈلدەك ھەممەيلەننى جەلپ قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.