ھېيتنىڭ شاراپىتى ۋە رامزاندىن كېيىنكى ئەمەللەر

ھېيت كۈنلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بارچە ئىنسانىيەت ئۈچۈن خۇشاللىق ۋە تەنتەنىلىك كۈنلەردۇر.

0:00 / 0:00

چۈنكى مۇسۇلمان ئادەم ھېيت كۈنلىرىدە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىن باشلاپ بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، جەمئىيەت ئەزالىرىغا ۋە بارلىق ئىنسانىيەتكە كۆكسىنى كەڭ ئېچىپ بىر-بىرىنى باغرىغا باسىدۇ ۋە سۆيگۈسىنى، يېقىنلىقىنى ھەم دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.

رامزاندا تۇتقان روزىنىڭ مېۋىسى، قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ نەتىجىسى رامزاندىن كېيىن كىشىنىڭ ھەرىكەتلىرىدە ۋە جىمى يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا كۆرۈلىدۇ. چۈنكى رامزاندىن كېيىنكى ئەمەللەر ناھايىتى مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچتۇر.

مەلۇمكى، رامزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەربىيە ۋە مەشىق ئېيى بولۇپ، بۇ ئايدا سەۋر، چىدام ۋە ئىرادىدە مۇستەھكەملىك قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، ئادەم ئاچلىققا، سۇسىزلىققا بەرداشلىق بېرىشكە ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ. بۇ خۇددى ئەسكەرلەرنىڭ چېنىققىنىغا ئوخشاش ئىش.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئەللامە فوزان رامزاندىن كېيىنكى ئەمەللەر توغرىلىق سۆزلىگەن لېكسىيىسىدە مۇنداق دېدى: «قۇرئان ۋە سۈننەتتە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەممە ئەھكاملار يورۇتۇپ بېرىلگەن. ھېيت كۈنلىرىگە خاس ئەھكاملارمۇ ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. بۇلارنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇبارەك ھېيتنىڭ شاراپىتى بىلەن كۆڭۈللەردىكى ئۆچمەنلىك، رەنجىش، ئاداۋەت دېگەنگە ئوخشاش ئىللەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇرۇق-تۇغقانلار، دوست-يارەنلەر، خىزمەتداشلار ۋە جىمى مۇسۇلمانلار، شۇنداقلا جىمى ئىنسانلار بىلەن مېھرى-مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتۈش، رامزان ئېيىدا ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن گۈزەل ئەخلاقلارنى داۋام قىلدۇرۇش، ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئاسراش، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، سودىدا ئادالەتلىك، تارازىدا راستچىل بولۇش، ھەر ئىشتا پاك-دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق بىر قاتار پرىنسىپلارنى ئەمەلىي ھاياتتا ياشىتىشقا تىرىشىش، گۇناھ-مەسىيەتلەردىن يىراق تۇرۇش قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئىشلار ھېيت كۈنلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلىنغان ئىشلار. ئەمما ھېيت كۈنلىرىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ئىشلار ئاخىرىدا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك بولۇپ گەۋدىلىنىدۇ.»

ئەللامە فوزان يەنە مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ غېمىنى يېيىشى لازىم. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئەھۋال ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولماقتا. سۇمالىدىكىگە ئوخشاش بىر مۇنچە مۇسۇلمانلار ئاچلىقنىڭ دەردىنى چەكسە، يەنە بىر مۇنچە دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلار مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زۇلۇمى، يوق قىلىۋېتىش سىياسىتى ئاستىدا ئىڭراۋاتماقتا. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىلا ئويلاپ ياشاشقا بۇيرۇلغانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« مۇسۇلمانلار ئۆز ‏- ئارا بىر- بىرىگە كۆيۈنۈشتە، بىر-بىرىگە مېھىر-شەپقەت قىلىشتا، بىرەر ئورگىنى ئاغرىسا پۈتۈن ئورگىنى ئىسىمداش ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن ئورتاق بولغان بىر پۈتۈن تەنگە ئوخشاشتۇر»دەپ كۆرسەتكەن. بىز مۇسۇلمانلار بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلدۇقمۇ؟ قېنى بىزدىكى قېرىنداشلىق؟ ئاچ قالغانلارنى تويغۇزۇش، ئاسارەتتىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەسمۇ؟!»