«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان نۇرنىسا مۇتەللىپ خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ پائالىيەتتە ئورۇنلىنىۋاتقان ناخشا-ئۇسۇل، چۆچەك، رىۋايەتلەر ۋە ئىلمىي دوكلاتلار گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر پائالىيەت گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرلىكتە رول ئېلىشى بىلەن سەھنىلەرگە چىقىۋاتقان بولۇپ، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن سەنئەتكارلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە قىياپەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. نۇرنىسا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، تاماشىبىنلار بۇ ئۇيغۇرچە نومۇرلارغا ئالقىش ياغدۇرۇپلا قالماي، دەم ئېلىش پۇرسەتلىرىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان قىزىقىشلىرىنى ئىپادىلىگەن.

تارىخچى ھەم گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئۈچۈن گېرمان تىلى تەرجىمانى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرنىسا مۇتەللىپ خانىم بۇ قېتىمقى «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.