مەركىزىي ئاسىيا ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت تەتقىقاتى كىتابى نەشر قىلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010.08.12
2010.08.12
مەزكۇر كىتاب 2007 - يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان "شەرقىي تۈركىستان مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى جەريانىدا" تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالىلەر ئاساسىدا تەييارلانغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىغىن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى ۋە جامائەت ئەربابى كوممۇنار تالىپوفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان.
ئىلمىي توپلامدىن ئورۇن ئالغان قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا، رۇسىيىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىدە شەرقشۇناسلىق، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى، ئەدەبىياتشۇناسلىقى، تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنغان. ماقالىلەردە شەرقىي تۈركىستان مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىر تۇتاش تارىخىي - مەدەنىي بوشلۇقىنىڭ ئايرىلماس بۆلىكى سۈپىتىدە قارىلىدۇ.
كىتابنىڭ دەسلەپكى سەھىپىلىرىدە كوممۇنار تالىپوف ھەققىدە ئەسلىمىلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇلاردا ئالىمنىڭ قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەم شۇنداقلا ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىسى يورۇتۇلغان. بۇ يەردە كىتابخان شۇنداقلا كاممۇنار تالىپوفنىڭ ھەر يىللاردا ئېلان قىلغان بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەنمۇ تونۇشالايدۇ.
توپلامنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۈچ بۆلەكتىن ئىبارەت بولۇپ، "تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە" ناملىق بۆلۈمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيىسى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە ئورۇن ئالغان ماقالىلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ھەققىدە يازما مەنبەلەر، ئۇنىڭ يېڭى زامان تارىخى بىلەن بۈگۈنكى تارىخى، شۇنداقلا ئورخون ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، قەدىمىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك، سىياسىي تارىخى، قەدىمىي ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئەنئەنىۋىي ۋارىسلىق مەسىلىلىرى كەڭ دائىرىدە مۇلاھىزە قىلىنغان. بولۇپمۇ، تارىخ پەنلىرى دوكتورلىرىدىن، رىسالەت كەرىموۋانىڭ "ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئەنئەنىۋىي ۋارىسلىق مەسىلىلىرىگە دائىر"، ئابلەت كامالوفنىڭ "ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى تۈرك ۋە موڭغۇللارنىڭ ئۆز - ئارا مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدىن"، نەبىجان تۇرسۇننىڭ "20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەسىلىسى"، ۋلادىمىر گالىئېفنىڭ "رۇسىيىنىڭ شىنجاڭ ئەلچىخانىسىدىكى ئۇيغۇر - ئاقساقاللار (19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرى)"، ۋاسىلىي ئۇشنىتسكىينىڭ "سېلېنگا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى" ۋە باشقىلارنىڭ ماقالىلىرى كىتابخان ئارىسىدا زور قىزىقىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
كىتابنىڭ "تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتشۇناسلىق" ناملىق بۆلۈمى بولسا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى، تۈركىي خەلقلەرنىڭ، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە زامانىۋى دەۋرلەردىكى ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىي مىراسى، مىللىي ئەدەبىياتلار ئارا باغلىنىشلار، ئەدەبىي ئەنئەنىلەر، شېئىر شەكىللىرى ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
"پەلسەپە، ئىقتىساد ۋە سىياسەت" دەپ نام ئالغان توپلامنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە مەركىزىي ئاسىيادىكى قانۇنسىز كۆچۈش - يەرلىشىش، قازاقىستان - خىتاي ئارىسىدىكى كۆچۈش - يەرلىشىش، رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشى، قازاقىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارىسىدىكى ئىسلام ئامىلىنىڭ مەزمۇنى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي رولى ھەققىدىكى مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنغان.
كىتاب شەرقشۇناسلىق پەنىگە، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى مەسىلىلىرىگە، مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەريانلىرىغا قىزىققۇچى تەتقىقاتچىلار ھەمدە كەڭ كىتابخان ئاممىسىنىڭ پايدىلىنىشىغا ھاۋالە قىلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.