ماجارلارنىڭ ھۇن دەۋرىدىن قالغان ئات ماھارىتى

بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2010‏ - يىللىق ھۇنلار قۇرۇلتىيىدا، ئۆزلىرىنى ھۇن ئەۋلادى دەپ بىلىدىغان ماجارلار ئات ماھارىتىنى كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ ھۇن ئەنئەنىسى بۇيىچە كۆرسەتكەن ئات ماھارىتى، ئۆزلىرىنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دەپ بىلىدىغان تۈرك، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق قۇرۇلتاي مېھمانلىرىنى سۆيۈندۈردى.

0:00 / 0:00

بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2010‏ - يىللىق ھۇنلار قۇرۇلتىيى بىر تېپىك ئەنئەنىۋىي ماھارەت كۆرسىتىدىغان قۇرۇلتاي بولدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىككىنچى كۈنى، ھۇنلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى، تۇران فوند جەمئىيىتىنىڭ باش ساھىبى ئاندىراش ئەپەندىنىڭ سۆزىدىن كېيىنلا، ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان دۇنا ۋادىسىدا ياشاپ كېلىۋاتقان ماجارلارنىڭ ئات ماھارىتى باشلاندى.

ماجارلارنىڭ ئات ماھارىتى

ئاندىراش ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان ئىدى، ماجارلار ئۇيغۇر! ھايت - ھۇيت' دەپ چوقان سېلىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدىغان ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.

ھۇن دەۋرىدىن قالغان ئەنئەنە بۇيىچە بۇرغا چېلىنغان ھامان، بېشىغا دۇبۇلغا، ئۈستىگە ساۋۇت كىيگەن، ئاتلىرىنىڭ كۆكسىگە قالقانسىمان ئاسقۇ ئېسىلغان ئاتلارغا مىنىپ دۈشمەننىڭ سېپىنى بۇزىدىغان چەۋەندازلار، تەخمىنەن 10 مېتىر نېرىدىكى نىشانغا زەربە بېرەلەيدىغان ئۇزۇن قامچا ئويناتقان چەۋەندازلار، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى نامايەن قىلىدىغان بايراقچى چەۋەندازلار، يەر يۈزىدىكى نىشانلارغا ساداق تارتىپ ئوق ئۈزۈدىغان ئوقياچى، نەيزىچى چەۋەندازلار... كەلكۈندەك ھەيۋە بىلەن ئات چاپتۇرۇپ، ماھارەت مەيدانىنى ئايلىنىشقا باشلىدى.

Dunya-Hunlar-Qurultiyi-at-mahariti-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010‏ - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻫﯘﻧﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻫﯘﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺟﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﯘﻥ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ ﻣﺎﻫﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭ. (RFA Photo / Kurban Weli)

ماجارلارنىڭ ئىگەرسىز ئاتلارغا مىنىپ ئات چاپتۇرۇدىغان يەنە بىر ماھارىتى، مەيداننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن قارىغا ئېتىش ماھارىتى باشلاندى. ئۇچقاندەك ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن چەۋەندازلار ساداق تارتىپ ئوق ئۈزۈپ، يەردە تۇرغان نىشاننىلا ئەمەس، ئادەملەرنىڭ قولىدىكى نىشانلارنىمۇ، ئادەملەر چۆرۈپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرغان نىشانلارنىمۇ سوقتى. چەۋەندازلارنىڭ ئوقلىرى تەگكەندىمۇ، دەل قارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يۇمۇلاققا تېگىپ تۇردى.

باشقا ھۇن ئەۋلادلىرى ماجارلارنىڭ ئات ماھارىتىنى تەبرىكلىدى

ماجارلار ماھارەت كۆرسىتىۋاتقاندا، تۈركلەر سەھنىدە ئەنئەنىۋىي مارش ئورۇنداپ ئالقىشلىدى. قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، ئەزەرى، ياقۇت، باشقۇرت قاتارلىق قېرىنداشلارمۇ سەھنىدە كەينى - كەينىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداپ ئالقىشلىدى.

ھۇنلار ھەققىدىكى ماجار راۋايەتلىرى

ماجارلاردا، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ھۇنلار، بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئونمىڭ يىل بۇرۇن دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان بىپايان يايلاقلاردا ئەركىن ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈدىغان خەلق ئىكەنلىكى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ رىۋايەتلەر بار ئىكەن. ماجارلار دۇنا ۋادىسىدىن ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان بىپايان زېمىننى ھۇن يۇرتلىرى دەپ چۈشىنىدىكەن.

ماجار زىيالىيلىرى، ھۇنلارنىڭ بىر قىسمى بۇنىڭدىن 3 مىڭ يىللار بۇرۇن، دۇنا ۋادىسىدىن سېرىق دەريانىڭ شىمالىدىكى يۇرتلارغا كۆچۈپ كەتكەن، كېيىن يەنە ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دۇنا ۋادىسىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدىكەن.

خىتايچە يازما تارىخلاردىكى ھۇنلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلار

خىتايچە تارىخى كىتابلاردىمۇ ھۇنلارنىڭ گاھ كۈچلىنىپ - كېڭىيىپ، گاھ تارىيىپ - پارچىلىنىپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەرنى يورۇتىدىغان بايانلار بار. 'خەننامە. بەش خان شەجەرىسى' دە، بۇنىڭدىن 6 مىڭ يىللار بۇرۇن سېرىق تەنلىكلەر پادىشاھى ھۇنلارنى شىمالغا قوغلىدى، دېگەن بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ شاڭ سۇلالىسىدىن كېيىنكى يازما خاتىرىلەردىمۇ، مەسىلەن، جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يازما خاتىرىلەردە ئەل پاراكەندە ھۇننىڭ دەردىدە' دېگەن سۆز - چۆچەك پەيدا بولغانلىقى بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ بەگلىكلەر يېغىلىقى دەۋرىدىكى يازما خاتىرىلەردە، ھۇنلار سېرىق دەريا ۋادىسىدا بىر دۆلەت قۇرۇۋالدى، دەپ بايان قىلىنغان.

خىتايچە 'تارىخنامە. ھۇن تەزكىرىسى'دە، ھۇنلار سۇ، ئوتلاق قوغلىشىپ كۆچۈپ يۈرۈدىغان خەلقلەر، ئۇلارنىڭ دۇلدۇل ئاتلىرى مەشھۇردۇر، دەپ بايان قىلىنغان. 'كېيىنكى خەننامە. جەنۇبىي ھۇن تەزكىرىسى' دە، ھۇنلارنىڭ ئاقساقاللىرى ھەر يىلى يىل بېشىدا ئوردىغا يىغىلىپ ئەجداتلىرىغا ئىبادەت قىلىدۇ، 5‏ - ئايدا يايلاقلاردا پۈتۈن ھۇن قوۋمىلىرى چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئەجداتلىرىغا، تەڭرى - ئىلاھلىرىغا ئاتاپ نەزىر - چىراق قىلىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.

خىتاينىڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوردا تارىخى بولغان 'خەننامە'نىڭ 'ھۇن تەزكىرىسى' دە، غەربىي دىياردىكى (ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) دىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ھۇنلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي يازما تارىخلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنى، ھۇنلارنىڭ بىر تارمىقى دەپ بايان قىلغان. شۇنداقلا، خىتاي سۇلالىلىرى ھۇنلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئۆز دائىرىسىدە سەددىچىن سېپىلىنى سوقۇپ، چىن شىخۇئاڭ ئۇنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ، ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان چېگرىسىنى ھازىرقى گەنسۇنىڭ لىنتاۋ ناھىيىسىدە بىكىتكەنلىكىمۇ ھۇن - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىكى تارىخنىڭ ماددى ئىسپاتى.

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بايانى

مەھمۇد قەشقەرى 'تۈركى تىللار دىۋانى'دا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەندە (مىلادىدىن ئىلگىرى 3 ‏ - ئەسىردە)، ئۇيغۇرلارنىڭ ساداق تارتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگە قارىتىپ ئوق ئېتىشىمۇ شۇنداق چەبدەس ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ 'بۇلار ئۆز نېنىنى ئۆزى تېپىپ يىيەلەيدىغانلار ئىكەن' دەپ باھا بېرىپ، نەتىجىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇرۇش قىلماي بىرلىك تۈزگەن، دېگەن رىۋايەتنى يېزىپ قالدۇرغان ئىدى.

ھۇنلار قۇرۇلتىيىدا ھېچكىم تەرجىمان قوللانمىدى

بۇ قېتىم بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن 2010‏ - يىللىق ھۇنلار قۇرۇلتىيىغا كەلگەن، ئۆزىنى ھۇن ئەۋلادى دەپ ئاتايدىغان كىشىلەرنىڭ ھېچقايسى تەرجىمان قوللانمىدى. ئۇلار بۇ قۇرۇلتايدىكى ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت شەكىللىرىنى ‏ --- ماجارلار بۇ قۇرۇلتايدا كۆرسەتكەن ھۇن دەۋرىدىن قالغان ئەنئەنىۋىي ماھارەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز - ئارا تەرجىمانسىز چۈشەندى. ھەر قايسى ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىرى، مۇزىكىلىرى، ناخشىلىرى، بىشارەتلىرى، ھۇن، تۈرك دەۋرلىرىدىن بۇيان ساقلاپ قالغان بىر قىسىم ئاساسى سۆزلۈكلەر ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى ھېس تۇيغۇلىرىنى ۋە تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى توسالغۇسىز ئالماشتۇرالىدى.

ماجارلار بۇ قۇرۇلتايدا يەنە، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنى ھۇن ئەنئەنىلىرىدىكى بەلگىلەر بۇيىچە بىلدىغانلىقىنىلا ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.