بايرامنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پاراتتىن ئۆتۈش بىلەن باشلاندى. بۇ پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى سادىر دۇرماز، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى سىياسىي پارتىيىلەردىن ۋەكىللەر، 30 ئەتراپىدا ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن كەلگەن دىپلوماتلارلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

8-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەتىمەسقۇت مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەل سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە «تۈرك مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بۇيۇملارنى بۇ يەردە بىر يەرگە ئېلىپ كەلدۇق» دېدى. ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ زېمىندىكى تۈرك دۇنياسىنى بۇ بايرامدا ئۇچراشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان ئەنۋەر دەمىرەل، مۇستەقىل بولغان تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇستەقىل بولالمىغان تۈركىي مىللەتلەرنىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئىتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىسى ئېلىش ئۈچۈن پۈتۈن خەلقنى بۇ مەيداندىكى بۆلۈملەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا چاقىردى.
بۇ مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى ئەنقەرەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەتىمەسقۇتتا چوڭ بىر مەيداندا ئۆتكۈزۈلمەكتە. مەيداننىڭ ئەتراپىدا تۈركىيىنىڭ 35 ۋىلايىتىدىن كەلگەن جەمئىيەت ۋە ۋەقىپلەر ئاچقان بۆلۈملەر بار، بۇلار بۆلۈملەردە شۇ رايوننىڭ ئۆرپ -ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇيۇملار ۋە يېمەك-ئىچمەكلەر سېتىلماقتا. بۇلاردىن باشقا ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئىراق تۈركمەنلىرى، تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بۆلۈم ئېچىپ ئۆز دۆلىتىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

8-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بايرىمىنىڭ 2-كۈنى ئەزەربەيجان، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيىنىڭ توكات ۋىلايىتىگە ئائىت بولۇپ، بۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلاردىن 4 ياشتىكى مۇجاھىت قەشقەرلى بىلەن 11 ياشتىكى سۈمەييا قەشقەرلى دېكلاماتسىيە قىلغان «بىر ۋەتەنكى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق شېئىر مىڭلارچە كىشىنىڭ قاتتىق ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى. شەرقىي تۈركىستان كېچىلىكىدە يەنە ھايرۇللا ئەپەندى سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئەتىمەسقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئەنۋەر دەمىرەلگە ئۇيغۇرلار نامىدىن سوۋغات بۇيۇملىرى تەقدىم قىلدى. كېيىن ئەزەربەيجانلىق سەنئەتچىلەر سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتكەندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى نادىدە سۇلتان كونسېرت بەردى. 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى شەرقىي تۈركىستان، ئەزەربېيجان ۋە توكات كېچىلىكى بۇ كونسېرت بىلەن ئاخىرلاشتى.
10 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ سەنئەت بايرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر ھەر ئاخشام سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتمەكچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئاخشام تۈركىيىنىڭ داڭلىق سەنئەتچىلىرىدىن بىرى كونسېرت بەرمەكتە. بۇلار قىراچ، نادىدە سۇلتان، ئورخان ھاقئالماز، ھۈليا پولات، ئىبراھىم ئەرقال، ئېلىف قارلى، خاتىچە، مۇرات كەكىللى، فەرھات گۆچەر قاتارلىق سەنئەتچىلەردىن ئىبارەت. 8-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئاناتولىيە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بايرىمى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخىرلاشماقچى.