شۇ خىل خۇسۇسىيەتلەرنىڭ گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر كۈنى مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ زىيارىتى بىلەن داۋام قىلىۋاتقان، گوللاندىيىنىڭ دەنبوش شەھىرىدىكى «مەدەنىيەتلەر بايرىمى» پائالىيىتى مول مەزمۇنلۇق پروگراممىلار بىلەن ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلماقتا.
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن ئاخشام سائەت 10 غىچە داۋام قىلىۋاتقان بۇ پائالىيەتتە، مىللەتلەرنىڭ قول-ھۇنەرۋەنچىلىكى ۋە ئەقلىي تەپەككۇرىنى كۆرسىتىدىغان بۇيۇملار مىللەتلەرنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىدىن تارتىپ ۋە بۈگۈنكى ئەھۋالىغا قەدەر مەلۇماتلاردىن ئۇچۇر بەرمەكتە. بولۇپمۇ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھەيۋىتىنى نامايان قىلىدىغان ئوردا قىياپەتلىرىدىكى ئەسكىرى يۈرۈش شەكلى تۈرك خەلقىنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىپ، ئەجدادلىرىدىن ئىپتىخارلاندۇرسا؛ باشقا مىللەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ سەنئەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرمەكتە. ئارىلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، سېرك ئويۇنى، چىلىشىش، سەنئەت ۋە ئۇسۇللار بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇۋاتقان نومۇرلار مېھمانلارنى ھاياجانغا سالسا؛ داڭلىق سىياسىيونلار، ئارتىسلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە زىيارەتلىرى تاماشىبىنلارغا پۇرسەت بولماقتا. ھەرخىل ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ئۇستىكارلىرى نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىپ، مىللىي خاسلىقلىرىنى نامايان قىلماقتا.

يەنە بىر تەرەپتە، ئۆزگىچە پۇراقلىرى ۋە شەكىللىرى بىلەن ئالاھىدە تەييارلانغان يېمەكلەر ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىماقتا. ئۆز يۇرتىدىكى مىللىي ئادەتلىرى ۋە ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئۇستاملار بىر-بىرى بىلەن بەسلەشمەكتە. قاتار كەتكەن چېدىرلارنىڭ بىر تەرىپىدە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز تائاملىرىنى ساتماقتا.
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامايان قىلىنىشى ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتقان پىداكارلاردىن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىسى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەردى.