پېشقەدەم تارىخىي شاھىد ۋە يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف 3 توملۇق تارىخىي رومانىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا

ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان، سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان.

ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﻫﯩﺪ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﻫﯩﺪ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ. (RFA File)

0:00 / 0:00

بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ 1911 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۈچ توملۇق "سەرراپ" ناملىق تارىخىي رومانى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى تومىنى 2010 - يىلى نەشر قىلدۇرۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۈچ توملۇق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى شۇنىڭدەك ئاپتورنىڭ 1944 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان ئىنقىلاب جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەلىي ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى بىلەن بۇ رومان ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.