مۇقامچى پەرھات ھاشىر 70 يېشىدا يەنە مەشرەپتە

1950 ‏- يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە زىيالىيلار، سەنئەتچىلەر، مۇزىكانت ۋە ئەدەبىياتچىلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيتتى.

0:00 / 0:00

كېيىنكى چاغلاردا ئۇلار سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىدا غوللۇق شەخسلەردىن بولۇپ قالغان. ھازىر قىرغىزىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇقامچىلاردىن پەرھات ھاشىر سوۋېت دەۋرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى مۇستەقىل قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنى ياشنىتىپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان سەنئەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر.

60 ‏- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققان پەرھات ھاشىر قىرغىزىستاندا بىر ئەۋلاد مۇقامچىلارنى تەربىيىلىگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.