'مۇستەملىكە قىلىنغان تۇپراقلاردا سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار' ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

"سۆمۈرۈلەن توپراقلاردا سۈرگۈنلەر ۋە سويقىرىملار" ، يەنى "مۇستەملىكە قىلىنغان تۇپراقلاردا سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار" ناملىق كىتاب ئەنقەرەدە نەشىردىن چىقتى. در. تايفۇن ئاتماجا يازغان 335 بەتلىك، چوڭ ھەجىملىك مەزكۇر كىتابتا مۇسۇلمان ۋە تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ 12 مىللەت تارىختا ئۇچرىغان ۋە بۈگۈن ئۇچراۋاتقان سۈرگۈن ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار تونۇشتۇرۇلغان.

0:00 / 0:00

قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ نەشىر قىلىنغان بۇ كىتابقا نۇرغۇن رەسىملەرمۇ قىستۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ستالىننىڭ ئاغىسكا تۈركلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان سۈرگۈن ۋە بېسىم سىياسىتى، ئالبانىيە مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان بېسىم سىياسىتى، ئازەربايجانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلغان سۈرگۈن ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار، 1992 - 1995 يىللىرى ئارىسىدا سېربلارنىڭ بوسنىيىلىكلەرگە قىلغان قىرغىچىلىقلىرى چۈشەندۈرۈلگەن.

بۇلاردىن كېيىن يەنە سابىق بولغارىيە دۆلەت رەئىسى تودورجىۋكوۋنىڭ بولغارىيە تۈركلىرىگە، سادام ھۈسەيىننىڭ ئىراقتىكى تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى شۇنىڭدەك يەنە قىرىم، ئاناتولىيە ۋە كوسوۋادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئۇچرىغان سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار رەسىملىك ئىسپاتلار بىلەن بايان قىلىنغان.

ئەڭ ئاخىرىدا، "ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ تارىخىي جەريانى ۋە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر" تېمىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى 150 يىل جەريانىدا تارتقان زۇلۇملىرى بايان قىلىنغان. كىتابنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۈرۈمچى ۋەقەسىمۇ رەسىملەر ئارقىلىق بايان قىلىنغان.

بۇ كىتاب ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەنقەرەدىكى گرافىكەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئەسەرگە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك ئەپەندى بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.

ئۇ بېغىشلىمىسىدا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلار دۇچار بولغان ۋە بولۇۋاتقان سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بۇ ئەسەر يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلار دۇچار بولغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئىسپاتلار ئارقىلىق بايان قىلىنغان ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئەسەر. مەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىققان در. تايفۇن ئاتماچا ئەپەندىگە رەخمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، مىللىتى، دىنى نېمە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر يەر يۈزىدە ھېچ قانداق بىر ئىنساننىڭ سۈرگۈن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولماستىن تىنچلىق ئىچىدە ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."

بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بۇ خىل كىتابلاردا ئانچە كۆپ ئورۇن بېرىلمەيتتى. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەر بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىشقا باشلاندى.

بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش سېكرىتارى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.