«تۈركىيە ئاۋازى» تېلېۋىزىيىسىدە نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىلدى

نەسىردىن ئەپەندى ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق ۋە ھەجۋىي لەتىپىلىرى تۈرك دۇنياسىدا شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلۇپ كەلگەن مەشھۇر شەخس.

0:00 / 0:00

نەسرىدىن ئەپەندى ئۆز لەتىپىلىرى بىلەن ئادەمنى بىر تەرەپتىن كۈلدۈرۈپ، كىشىگە مەنىۋى ئوزۇق بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى زاماندىكى زومىگەر بەگلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئاھۇ-دەردىگە دەرمان بولۇپ، زومىگەر بەگلەرنىڭ ناھەقچىلىكلىرى قامچىلىغان ئىدى. ئۇ، خەلق تەرىپىدىن ئاق كۆڭۈل، دانىشمەن شەخس دەپ تونۇلغان.

2012‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 4-كۈنى تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىنىڭ «تۈرك دۇنياسىدىن ئىزلار» ناملىق پروگراممىسىدا نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا مەخسۇس پروگرامما تارقىتىلدى. بۇ پروگراممىغا 8نەپەر تۈرك تارىخچى ۋە يازغۇچى قاتناشتى ۋە نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى. پروگراممىغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان مەشھۇر شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

erkin-emet-turkiye-tv-nesirdin-ependi-385.jpg
«تۈركىيە ئاۋازى» تېلېۋىزىيىسىدە بېرىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدىكى پروگراممىغا دوكتور ئەركىن ئەمەتمۇ قاتناشتى. 2012-يىلى 4-يانۋار. (RFA/Arslan)

پروگرامما جەريانىدا باشقا يازغۇچى ۋە تارىخچىلارمۇ نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز لەتىپىلىرى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر شەخس ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس كىتاب نەشر قىلىنغانلىقى ھەم فىلىم ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

yazghuchi-Mustafa-Duman-385.jpg
«تۈركىيە ئاۋازى» تېلېۋىزىيىسىدە بېرىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدىكى پروگراممىدا تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا يازغۇچىسى مۇستافا دۇمان نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا توختى. 2012-يىلى 4-يانۋار. (RFA/Arslan)

تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا يازغۇچى مۇستافا دۇمان نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خەلقىمىز ئۆز ئەقىل-پاراسىتى، تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، بۇلارنى ھەرخىل زامان-ماكان شارائىتىدا ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپىلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ. چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرگە ئىگە نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋى بەدىئىي ئوبراز ھېسابلىنىدۇ. نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مىللىتى توغرىلىق نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار بولسىمۇ يەنىلا تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق شەخس دەپ قارىلىدۇ.

پروگراممىدا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات، تارىخ ۋە جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خوجا نەسىردىننى ئۇيغۇرلار نەسرىدىن ئەپەندى دەپ ئاتايدۇ. بۇ تۈرك دۇنياسىدىكى ئوخشىمىغان خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ تونۇلغان مەشھۇر كىشىلەردىن بىرى. ئەپەندى سۆزى يۇنانلاردىن كىرگەن بىر سۆز بولۇپ، ئۇنى سالجۇقىيلار قوبۇل قىلغان. 12-ئەسىردىن كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ ئاتالغۇنى قوبۇل قىلغان. ئۇيغۇر تىلىدا ئەپەندى دېمەك، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر، بىلىملىك، ئالىم، دېگەن مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ. نەسرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئەڭ مەشھۇر شەخس. تۈرك دۇنياسىدا نەسرىدىن ئەپەندىنى ھەر خىل ئىسىملار بىلەن ئاتايدۇ.

سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئېلى بەرات ئالىپتېكىن ئەپەندى، نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى بار، خىتايلارمۇ نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىدى. ياپونلار ئەڭ باشتا نەسرىدىن ئەپەندى توغرىسىدا فىلىم ئىشلىدى. قازاقلار خوجا نەسىر دەپ ئاتايدۇ. قىرغىزلاردىمۇ كەڭ تونۇلغان.

پروگراممىدا يەنە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور ئىيسا ئۆزكان مۇنداق دېدى: بىز ئاناتولىيىدە خوجا نەسرىدىن دەپ ئاتىغان كىشى تۈركىستاندا ئەپەندى دەپ ئاتىلىدۇ. قازان تۈركلىرى بولسا خوجا دەپ ئاتايدۇ، ئەزەربەيجاندا بولسا موللا نەسرىدىن دەپ ئاتىلىدۇ. قازاق ۋە قىرغىزلار خوجا نەسىر دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار نەسرىدىن ئەپەندى دەپ ئاتايدۇ، نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپە دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان مۇھىم شەخس.
ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور فىكرەت تۈركمەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: نەسرىدىن ئەپەندى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ياخشى بىر ئۈلگە بولغان شەخس. نەسرىدىن ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاندا لەتىپىلىرى بىلەن تونۇلغان شەخس. شەرقىي تۈركىستاندا يېقىن زاماندا ھىسام ئىسىملىك بىر شەخس ئۆتتى. ئۇنى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نەسرىدىن ئەپەندىسى دەپ تونۇيدۇ. ئۇ جۇغراپىيىدە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى ھىسام ئارقىلىق كەڭ تارقالدى.
پروگراممىدا يەنە مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تارىخى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ئابدۇۋاھاپ قارا ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلق بەزى دېيەلمىگەن سۆزلىرىنى نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەقتە بىز ئۆزبېكىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان بىر لەتىپىنى مىسال قىلايلى، كوممۇنىست پارتىيىسى دەۋرىدە، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى بىر يىغىن ئاچىدۇ، بۇ يىغىنغا نەسرىدىن ئەپەندىمۇ قاتنىشىدۇ. كوممۇنىست ئەمەلدارلار، كىشىلەردىن سىلەر كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈچۈن نېمە بېرىسىلەر؟ دەپ سورايدۇ.

ئەمەلدار، نەسرىدىن ئەپەندىدىن، «ئەپەندىم، سىز كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئۆيىڭىزنى بېرەمسىز؟» دەپ سورايدۇ؛ ئەپەندىم:
-بېرىمەن،-دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

-باشقا نېمە بېرىسىز؟-دەپ سورايدۇ ئەمەلدار.
نەسرىدىن ئەپەندى، «مال-مۈلكۈمنى بېرىمەن»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئەمەلدار، «باشقا نېمە بېرىسىز؟» دەپ سورايدۇ.
نەسرىدىن ئەپەندى، «جېنىمنىمۇ كوممۇنىست پارتىيىسىگە بېرىمەن»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كوممۇنىست ئەمەلدارلار خۇشال ھالدا قايتىدۇ. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر نەسرىدىن ئەپەندىنى ئارىغا ئېلىپ، ئەپەندىم، «سىز نېمە دەۋاتىسىز؟ بۇنداق دېسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ، كوممۇنىست پارتىيىسى ئاتېئىست، دىنسىز، سىز ئۇنىڭغا ئۆيىڭىزنى، مېلىڭىزنى بېرىدىغانلىقىڭىزنى دېدىڭىز، چۈشەندۇق، ئەمما سىزدەك بىر ئەپەندى قانداق بولۇپ بىر دىنسىزغا جېنىڭىزنى بېرىسىز؟ بۇنى ھېچ چۈشەنمىدۇق»، دەيدۇ.
نەسرىدىن ئەپەندى ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ رېجىم ئاستىدا ياشىغاندىن جېنىمنى بېرىپ ئۆلگەن ياخشى، شۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمنى بېرىمەن، دېدىم».

بۇ ئۇسۇلدا خەلق نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ لەتىپىلىرى ئارقىلىق ئۇ دەۋرنىڭ تۈزۈمىنى تەنقىد قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازىنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى مۇنداق دېدى:
-نەسرىدىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسان خاراكتېرى، ھېقىقى مەنىدە ئۈلگىلىك بىر ئىنساننىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. نەسرىدىن ئەپەندى، قىيىن بىر دەۋردە ياشىغان، ئۇ دەۋرنىڭ ھەر بىر قىيىنچىلىقىنى، ئېغىرچىلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرگەن. شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا ياشىغان بولسىمۇ نەسرىدىن ئەپەندىدە ئۈمىدسىزلىك يوق ئىدى. ئۇ تىرىشچان، ھۇرۇنلۇقنى ياقتۇرمايدىغان بىر ئىنسان ئىدى. ئۇنىڭ لەتىپىلىرىدە تەمەخورلۇق ئەمەس، قانائەت بار. ئۇنتۇماسلىق كېرەك بولغان مۇھىم نۇقتا شۇكى، نەسرىدىن ئەپەندى بىر ئىسلام ئالىمى ئىدى. ئۇنىڭ ئىسلامى ئەخلاق بىلەن يېتىشكەنلىكى ھەقىقەت.

نەسرىدىن ئەپەندى تارىخىي شەخس، ئۇ خەلق ئەدەبىياتىدىكى غايىۋى ئوبراز، نەسرىدىن ئەپەندى لەتىپىلىرى تارقالغان رايونلاردىكى خەلقلەر ئۇنى ئۆز يۇرتىدا ياشىغان دانىشمەن دەپ قاراپ كەلگەن.

نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208-يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىردىكى سەرۋىھسار قەلئەسىنىڭ خورتۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى، ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان. ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ، سەرۋىھسار مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان. ئۇ مەۋلانە جالالىدىن رۇمى مەدرىسىسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان. مەدرىسىنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتقان. شۇ مەزگىللەردە نەسرىدىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان. 1237-يىلى ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىي مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ دىنى ئالىم بولۇپ يېتىلگەن نەسرىدىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە-چاقچاق، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. ئۇ تەخمىنەن 1285-يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. بۇ جاي كېيىنچە، «خوجا نەسرىدىن مازىرى» دەپ ئاتىلىپ، مازار يېنىغا «خوجا نەسرىدىن مەدرىسىسى» تەسىس قىلىنغان. نەسرىدىن ئەپەندى مەقبەرىسى-تۈركىيىدىكى ئاقشەھەرگە جايلاشقان.