بۈگۈنكى پائالىيەتتە ئەڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.
بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتى مۆمىنجان باشچىلىقىدىكى سەنئەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ تەييارلاپ كەلگەن مول مەزمۇنلۇق ئالاھىدە سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئىنتايىن جانلىق، تەسىرلىك ۋە ھاياجانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى. كوللېكتىپ ۋە يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇللار، ناخشىچى يىگىتلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى يەككە كىشىلىك ناخشىلار، گىتارچى يىگىتلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىكى تۆت كىشىلىك مۇڭلۇق ناخشىلار، تېپىشماق تېپىش ئويۇنى،مىللىي چالغۇلار بىلەن ئورۇندالغان ناخشا-مۇزىكىلار نورۇز ئەھلىنىڭ ئىنتايىن قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. زۇلخۇمارنىڭ سىڭلىسى بىلەن بىللە ئورۇندىغان «نېمە قىلدۇق ۋەتەن ئۈچۈن» دېگەن ئۇسۇلىنى كۆرگەن تاماشىبىنلار ئىسسىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈشتى.

سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇل يېتەكچىسى مۆمىنجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئارتىسلارنىڭ ئىنتايىن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە جاپالىق مەشىق قىلىپ تەييارلاپ چىققان سەۋىيىلىك نورۇزلۇق نومۇرلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى.
بۈگۈنكى پائالىيەتتە يەنە نورۇزلۇق داستىخانلار ھازىرلانغان بولۇپ، مېھمانلار مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەچ ئۆز-ئارا سىردىشىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى كوممۇنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا جايلاشقان ھەشەمەتلىك زالدا ئالتە سائەتتىن ئارتۇق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نورۇزلۇق پائالىيەتكە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا تەكلىپ قىلىنغان نورۋېگ قاتارلىق مېھمانلارمۇ قاتناشتى.